تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى خام يېسە تۇرمۇشقا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

  يېڭى زېلاندىيە ئوتاگوگې داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى خام يېگەندە خامۇشلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاكتىپ كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، تۇرمۇشقا بولغان رازىمەنلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان 400 ياشنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى خام يېيىش، تاماق ئېتىش ھەمدە مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى پىششىقلاپ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى سېلىشتۇرۇپ چىققان، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ئەھۋالىنىمۇ باھالىغان. بۇ ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى، ئۇيقۇسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئومۇمىي يېمەك-ئىچمەك ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىشتىن تەتقىقاتچىلار شۇنداق نەتىجىگە ئېرىشكەن، يەنى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى خام يەيدىغانلاردا خامۇشلۇققا ئوخشاش پىسخىكىلىق كېسەللەرنىڭ يۈز بېرىشى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن.

  تەتقىقاتچىلار ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «تەتقىقاتىمىزدا قورۇلغان، كونسېرۋالىق، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارغا قارىغاندا، <ھالىتى ئۆزگەرمىگەن> مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يېگەندە پىسخىكىلىق ساغلاملىققا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى». تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولۇشى بەلكىم قورۇغاندا ياكى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنىڭ خوراپ كېتىدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

  تەتقىقاتچىلار مۇنداق بىلدۈردى، نۆۋەتتە ساغلاملىق تەشۋىقاتىدا كۆپىنچە ھاللاردا مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىغا ئېتىبار بېرىلىدۇ، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى يېيىش ئۇسۇلىنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. تەتقىقاتچىلار يەنە پىسخىكىلىق ساغلاملىق بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆرسىىتىپ بەردى: سەۋزە، شياڭجياۋ، ئالما، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، شىيوۋ، ئوسۇڭ، گەنجۈ، شىرنىلىك مېۋىلەر، خاڭگا، مايمۇن شاپتۇلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ