ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاغلىق رايونلارغا ماس كېلىدىغان نىسساننىڭ Armada Mountain Patrol تىپلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بۇ يىل كۈز پەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان Overland Expo West ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە نامايان بولىدىكەن.
نىسساننىڭ Armada Mountain Patrol تىپلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى بۇ يىل كۈزدە ئېلان قىلىنىدۇ
مۇھەررىر :
خالمۇرات غوپۇر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/05/23 19:01
نىسساننىڭ Armada تىپلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئامېرىكا بازىرىنى ئاساس قىلىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى شەكلى ئامېرىكا نۇسخىسىدىكى Patrol تىپلىق ئاپتوموبىل بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بۇ يېڭى تىپتىكى Armadaتىپلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ دالا خاراكتېرلىك بىر قىسىم ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىلغا نۇرغۇن ئىلغار سىستېمىلار سەپلەنگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، تاغلىق رايونلاردىكى ھەيدەش تۇيغۇسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بۇ ئاپتوموبىلغا ئېغىر تىپتىكى پولاتتىن ياسالغان بىخەتەرلىك لىمى، LED ئاپتوموبىل چىرىغى قاتارلىقلار سەپلەنگەن.
نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مەسئۇلى ئېكسپېدىتسىيەنى ياخشى كۆرىدىغان لېكىن ئۇزۇن سەپەرگە ئانچە پىششىق بولمىغان ئائىلىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلار بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىنى كۆرسىلا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ پەقەتلا دالىدا ياكى شۇ جايدىكى ئورمانلارغا بېرىپ ساياھەت قىلغاندىلا ئەمەس، بەلكى بۇ ئاپتوموبىل ئېلىپ كەلگەن پۈتۈنلەي يېڭى دالا ئېكسپېدىتسىيەنى ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ھەقىقىي دالا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قارىشىچە، نىسساننىڭ Armada Mountain Patrol تىپلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئەنئەنىۋى تەۋەككۈلچىلىككە ۋارىسلىق قىلدى. يېڭى تىپتىكى بۇ ئاپتوموبىل Patrol تىپلىق ئاپتوموبىلدىن ئىلھام ئېلىنغان، Patrol تىپلىق ئاپتوموبىل 50 نەچچە يىلدىن بۇيان قالتىس دالا ئىقتىدارى بىلەن نام چىقارغان. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، 2018-يىللىق Armada Mountain Patrol تىپلىق ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئىشلەپچىقارغان چاغدا بۇ ئاپتوموبىلغا ناھايىتى كىچىك ئۆزگەرتىشلەرنى قوللانغان.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ جەھەتتە، بۇ ئاپتوموبىلغا 5.6L تەبىئىي گازلىق V8 موتورى سەپلەنگەن بولۇپ، موتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋەت كۈچى 298kw قا يېتىدىكەن.
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.