تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرى يېتىپ كەلدى

   سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرى يېتىپ كەلدى. ئۇ، دۇنيا ئىقتىسادى، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈش ۋە تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە كەسىپ تىپىنىمۇ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرى ئىقتىساد مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ‹‹سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدىكى كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش›› تارماق يىغىنىدا، يىغىن قاتناشچىلىرى بۇ نۇقتىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن – تېخنىكىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ ليېخۇڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كارخانىلار تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، ‹‹كەسىپ+سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار›› كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭى ئۇسۇل ۋە يېڭى ئەندىزە بولۇپ قالدى.

   DSTنىڭ مەبلەغ سېلىپ قۇرغۇچىسى يورى مىلنېر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 12 يىلدا، سانلىق مەلۇماتلىق كارخانىلار سانى 60 ھەسسە كۆپەيدى، ئىلگىرى دۆلەت ھالقىغان چوڭ شىركەتلەرلا دۇنياۋى سودا قىلاتتى، ھازىر ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار گۇگل، ئالىبابا قاتارلىق سۇپىلارنىڭ ياردىمىدە دۇنياۋى سودا قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. دۇنيادا 360 مىليون كىشى ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىدۇ، 900 مىليون كىشىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئىسچوتى بار. رەقەملەشتۈرۈش ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇلار كەم بولسا بولمايدىغان بولۇپ قالدى. دۇنيا ئىقتىسادىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشتا بۇ نۇقتىنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەك.

   يورى مىلنېر مۇنداق دېدى: تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %1.4تىن %1.8كە يەتكەن. شۇڭا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ياخشى قېزىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

   بوستون دۇنيا مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى خەنس – پائۇل بوروكنېر مۇنداق دېدى: رەقەملەشتۈرۈش ھەر بىر كەسىپ، ھەر بىر شىركەت، ھەتتا ھەر بىر كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يەنە بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرىلىشى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ‹‹شىپالىق دورا›› ئەمەس، مۇھىم ھالقا كىشىلەرنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ئىبارەت بۇ قورالدىن قانداق پايدىلىنىشىدا. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىدە، تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىپ، قىممەت زەنجىرىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ئەھۋاللارنى چوقۇم ئويلىشىشىمىز ھەم قايسى ھالقىلاردا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللانسا بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ، ھازىردىن باشلاپ سىناق قىلىشنى باشلىشىمىز كېرەك. 

‹‹جۇڭگو ئىقتىساد گېزىتى››دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ