تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىر جاي بىر دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ. سۇمۇرغ شەھىرى شېنجېننىڭ گۈللەپ – ياشنىشى جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھاتى، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم تارىخىي گۇۋاھچىسى.

   شېنجېننىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، بۇ يەر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتى بولۇپ، ئىككى كىچىك خالتا كوچا ۋە 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر كىچىك كوچىلا بار ئىدى؛ 38 يىلدىن كېيىن، بۇ يەردە ئاسمان – پەلەك بىنالار ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، ئاۋات كوچىلار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن زامانىۋى خەلقئارا چوڭ شەھەر بارلىققا كەلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ماددىي ئەشيا كەمچىل، بېلەتكە مال سېتىۋېلىنىدىغان بولۇپ، كىشىلەر ھەمىشە تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ئالدىدا نەرسە سېتىۋېلىش ئۈچۈن گەپ تالىشىپ قالاتتى؛ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ‹‹نېمە بولسا شۇنى يېيىش›› ‹‹نېمە يېمەكچى بولسا شۇ بار بولۇش››قا ئۆزگەردى، كىشىلەر ‹‹بارمۇ، يوقمۇ›› دېگەننى ئەمەس، بەلكى ‹‹ياخشىمۇ، ياخشى ئەمەسمۇ›› دېگەننى قوغلىشىدىغان بولدى. دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شېنجېندىن ئىبارەت بۇ زېمىننى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدۈردى، شېنجېننىڭ ‹‹بىر پارچە ئاق قەغەز››دىن ‹‹مۆجىزىلىك شەھەر››گىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق گۈللىنىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش. شېنجېن 40 يىلغا يېقىن بوران – چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ شانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ جۇڭگو زېمىنىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشىنى نامايان قىلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى پۇجياڭ دەرياسى بويىدا بىر كۆزنەك ئېچىپ، ‹‹پۇدۇڭ رىۋايىتى››نى بارلىققا كەلتۈردى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شاھمىتىنىڭ ئۇرۇقى نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدىكى خەينەنگە چۈشتى، ئىلگىرىكى چېگرا ئارىلى گۈللەپ – ياشنىغان خەلقئارالىق ساياھەت ئارىلىغا ئايلاندى؛ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدا جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ، شىنجاڭ قورغاسنىڭ چۆلدىكى مەرۋايىتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى... ھەر بىر يېڭىلانغان ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپە، ھەر بىر شانلىق تەرەققىيات مۆجىزىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ھۆكۈمىنى كۈچلۈك دەلىللىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تاللاش، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ زور قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

   ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كەلگۈسىمۇ بولمايتتى. ھازىر ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي باسقۇچقا يېتىپ كەلدى. ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى قۇرغىلى، تېخىمۇ سەۋىيەلىك قۇرغىلى، داۋاملىق يول باشلىغۇچى ئاۋانگارتلاردىن قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؟ تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قانداق تۈگەتكىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن باشقا يول يوق. شۈبھىسىزكى، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇرەككەپلىك، سەزگۈرلۈك، قىيىنلىق دەرىجىسى 40 يىل ئىلگىرىكىدىن قېلىشمايدۇ. لېكىن، كونىلىققا ئېسىلىۋالساق چىقىش يولى بولمايدۇ، ئارىسالدى بولۇپ توختاپ قالساق، ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان جاسارەت بىلەن، ‹‹پىداكارلىق بىلەن يول ئېچىش››تەك شىجائەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، تىرىشىپ يول ئاچقۇچى، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولساقلا، چوقۇم ئىسلاھاتتا يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، ئېچىۋېتىشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، تەرەققىياتتا يېڭى بوشلۇق ئېچىپ، ‹‹كېيىنكى 40 يىل ››دا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.  

   بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۇدا كۈرەش قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش ـــ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا يولىدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا، خەلقنى بېيىتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرساقلا، مىللەتنىڭ 100 يىللىق گۈللىنىش ئارزۇسىنى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالىدۇ.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ