ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى شىنيۆ خەۋىرى: 6-شى جۈنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىشچىسى يې شيۇسۈن مۇنداق دېدى: «‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش› پائالىيىتى ياخشى قانات يايدۇرۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىكى ھېسسىيات يەنىمۇ كۈچەيدى، بۇ يىل بىز تېرىغان قىزىلچىلار تازا ياخشى بىخلانمىغان ئىدى، تۇغقىنىم ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ باشلاپ كېلىپ مايسا تولۇقلىشىپ بەردى، مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم، ئۇلارنىڭ ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلەمنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت».
6-شى 106-تۈەندىكى 237 پارتىيەلىك كادىر 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، جۈنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىغا بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۇغقىنىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرى، ئۆي ئىشلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەملەشتى، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يې شيۇسۈننىڭ بۇ يىل تېرىغان قىزىلچىسىنىڭ بىخلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولمىدى، تۇغقىنى كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپلا، ئېتىزغا بېرىپ مايسا تولۇقلاشقا ئالدىرىدى. يى شيۇسۈننىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆرگەن 106-تۈەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ ئېرخۇا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئېتىزغا بېرىپ، مايسا تولۇقلىشىغا ياردەملەشتى.
جاڭ ئېرخۇا: «بۇ يىل تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىدىكىلەر 30 مو يەرگە قىزىلچا تېرىپتۇ، ياخشى بىخلانمىغاچقا ئۇلار ئەنسىرەپ قاپتۇ، قىزىلچا مايسىسى تولۇقلىشىپ بەرسەم، ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشقۇدەكمەن. بىللە ئەمگەك قىلىش جەريانىدا ئىشچىلارغىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىپ، ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بۇ، تۇغقانلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتىمىزنى كۈچەيتتى».
جۈنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 3-ليەنىنىڭ ئىشچىسى ۋاڭ لۇڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر دېھقانچىلىقنىڭ بېسىق مەزگىلى، ئېتىزدا ئەمگەك كۈچى كەمچىل، تۇغقىنىم كېلىپ مەن بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، مايسا تىكىشىپ بەردى، تۇغقىنىمغا كۆپ رەھمەت».
106-تۈەن ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ لىجياڭ مۇنداق دېدى: «بىز جۈنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇغقانلىرىمىز بىلەن بىللە تۇردۇق، ئۇلار بىزگە ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى، تۇغقانلىرىمىزنىڭ پىياز مايسىسىنى تىكىپ بولالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ، مايسا تىكىشىپ بەردۇق، بىللە ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ھېسسىياتىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتى».
بۇ قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىدە 106-تۈەننىڭ پارتىيەلىك رەھبەرلىرى ساپ مېھىر-مۇھەببىتىنى ئېلىپ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ كېلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇردى، بۇ جەرياندا ئۇلار تۇغقانلىرىغا ياردەملەشتى، تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھېسسىياتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۇلار گەرچە بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىنمۇ ئارتۇق بولدى.