شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇن قويۇش ئەترىتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدە ئويۇن قويماقتا.
شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى ئويۇن قويۇش ئەترىتى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى 2018-يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى بويىچە تۇنجى مەيدان ئويۇنىنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى دابۇدار يېزىسى ئاتجاي كەنتىدە قويۇپ، بۇ قېتىمقى سەييارە ئويۇن قويۇش پائالىيىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
«مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش» نى تېما قىلغان شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانىدا شۇ جايدىكى ئاممىسىنىڭ ھۇزۇرىغا نادىر نومۇرلارنى سۇندى.
2018-يىللىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى باشلانغاندىن كېيىن، ئويۇن قويۇش ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرى ئۆز بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات كەنت ۋە ئەتراپتىكى يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئارتىسلار نۇرغۇنلىغان كىچىك يېزىلارنىڭ سەھنىلىرىدە ئويۇن قويۇپ، ناخشا ۋە ئۇسسۇلى ئارقىلىق خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىش بىلەن بىرگە، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مېھىر-مۇھەببەت رىشتى ئورناتقان.