تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقدالاغا كۆچۈپ بارغانلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى. بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن شەرىپە ھازىر مۇقىم ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ھەپتە ئاخىرىدا مۇقىم دەم ئالالايدىغان بولدى. بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، ئۇ بۇنداق ياخشى كۈنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيتتى.

   شەرىپە چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆبە بازىرى قوشئارال كەنتىدىن بولۇپ، بۇ يەردە تېرىلغۇ يەر ئاز، دېھقان – چارۋىچىلارغا زۆرۈر بولغان ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىمۇ كەمچىل بولغاچقا، شەرىپە ئېرى بىلەن دائىم سىرتلارغا چىقىپ ۋاقىتلىق ئىش تېپىپ ئىشلەپ، تۇرىدىغان جايىمۇ مۇقىم ئەمەس ئىدى.

   2016 – يىلى 10 – ئايدا دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە شەرىپە  ئائىلىسىدىكى تۆت جان ئاقدالا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى 83 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى. شەرىپەنىڭ ئېرى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، شەرىپەمۇ بۇ يىل ئاقدالادىكى يەسلىدە تەربىيەلىگۈچى بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇ ئەمدى كۈندە تۆت ياشقا كىرگەن قىزىنى يېتىلىگىنىچە ئىشقا بارىدىغان بولدى.

   ھازىرقى تۇرمۇشى تىلغا ئېلىنسا شەرىپە خۇشاللىقىنى باسالمىغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ: ھازىر مۇقىم خىزمىتىم بار، قولۇممۇ پۇل كۆردى، بالامنىڭ ئوقۇشىمۇ ھەل بولدى، ئەمدى ھېچقانداق غېمىم قالمىدى.

   شەرىپە ئاقدالا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ بارغان 861 ئائىلىدىكى 3129 دېھقان چارۋىچىنىڭ بىرى. ئاقدالا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ھىڭ سۇغىرىش رايونىدا بولۇپ، ئىلگىرىكى بۇ جاڭگاللىق ھازىر دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ يېڭى يۇرت – ماكانىغا ئايلاندى. ھازىر قۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئاقدالا بازىرى تېرەك ۋە جىگدە دەرىخى بىلەن بىنا قىلىنغان قۇم – بوراننى توسۇش ئورمان بەلبېغى بىلەن قورشالغان بولۇپ، كوچىلىرى رەتلىك، پاكىز، ئۈچ ئاھالىلەر رايونىدا يەسلى، مەكتەپ، دوختۇرخانا تەل بولۇپ، 1200 مو كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش رايونىغا ئالتە كارخانا ماكانلاشتى.

   ئاقدالا بازىرىنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش كومىتېتى كۆچۈپ كەلگەنلەرنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، ‹‹تۇرۇپ قېلىشى›› ئۈچۈن ئاھالىلەرنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كۆپەيتتى. ھازىر بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، دېھقانچىلىق قىلىش، كارخانىلاردا ئىشلەش بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتىدىغان بولدى. بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ ئوقۇشى، كېسەل كۆرسىتىشى، خىزمەت تېپىشى قىيىن ئىدى، ھازىر بىر كىلومېتىر دائىرىدىلا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ھەل بولغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئىلگىرىكى 3000 يۈەندىن ھازىر 7000 يۈەنگە يەتتى.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ