تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

توقسۇن ئۆرىكىنىڭ بازىرى قىزىپ كەتتى

 خەلق تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، توقسۇن ناھىيەسى شا يېزىسى نەخۇل كەنتىدىكى ئۆرۈكچى دېھقان نىياز سەيدىننىڭ بېغىدىكى 14 مو كۆلەمدىكى مەي باغلاپ پىشقان ئۆرۈكلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەر يانغا تارىدى، توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-رادىيو -تېلېۋىزىيە ئاخبارات نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ شا يېزىسى نەخۇل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگەن نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتىدىكى خىزمەتچىلەر ۋە ئاساسىي قاتلامدا تۇرۇشلۇق كادىرلار نىياز سەيدىنگە ياردەملىشىپ ئۆرۈك ئۈزۈشتى، چۈشتىن بۇرۇن يېرىم كۈندە ئۈزگەن 600 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئۆرۈك 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا سېتىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ بارا-بارا ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، توقسۇن ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو كۆلەمدىكى ئۆرۈكلەر كەڭ كۆلەمدە پىشىپ، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور بىر تۈركۈم خېرىدالارنى جەلپ قىلدى. شا يېزىسى نەخۇل كەنتىدىكى ئۆرۈك سېتىۋېلىش بازىسىدا 5-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك 120 توننا ئۆرۈك شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى جايلارغا يۆتكەلدى. فۇكاڭ شەھىرىدىن كەلگەن مېۋە سودىگىرى ۋۇ جيەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان توقسۇن ناھىيەسىدىن كۆكتات سېتىۋالىدىغان دائىملىق خېرىدارغا ئايلانغان، ھەر يىلى ئۆرۈكلەر مەي باغلاپ پىشقاندا بىر تەرەپتىن ئۆرۈكچىلىك قىلىپ ئۆرۈك سېتىۋالىدىغان بولغان، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇ ئۆرۈك سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ھەر كۈنى 1.5 توننا ئەتراپىدا ئۆرۈك سېتىۋېلىپ ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى چوڭ توپ تارقىتىش بازارلىرى ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا يۆتكىگەن. پەرھات ئابلا ئاتۇشتىن كەلگەن مېۋە سودىگىرى بولۇپ، ئۇ توقسۇنغا كېلىپ ئۆرۈك سېتىۋېلىپ ئۆرۈكچىلىك قىلىۋاتقىلى بەش يىل بولدى. بۇ يىل ئۇ 20 ئىشلەمچىنى باشلاپ يەنە توقسۇندىن 20 ئىشلەمچىنى ياللاپ ئىشتىلىپ، 10 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆرۈك سېتىۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ھەر كۈنى 15 توننا ئۆرۈك سېتىۋېلىپ، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۆرۈكچى دېھقانلارنىڭ 100 مىڭ يۈەنلىك سودىسىنى قىلىپ بېرىپ، ئۆرۈك يىغىشىغا ياردەملەشكەن ھەر بىر دېھقانغا ھەر كۈنلىكى 150-120 يۈەنگىچە ھەق بەرگەن. پەرھات ئابلا سېتىۋالغان ئۆرۈكلەرنى ئاساسلىقى گەنسۇ لەنجۇ، شەنشى، شىئەن قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ ساتقان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆرۈك سېتىش مەزگىلى ئادەتتە 20 كۈندىن 25 كۈن ئەتراپىغىچە بولىدۇ، بۇ يىل توقسۇن ئۆرۈكىنىڭ پىشىشى ۋە ئۈزۈش مەزگىلى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق بالدۇر بولدى، بۇلتۇر مەن توقسۇندا تۆت مىليون يۈەنلىك ئۆرۈك يىغقان ئىدىم.

   مۇختەر رۇسۇل توقسۇن ناھىيەسىدىكى داڭلىق ئۆرۈك ۋاستىچىسى، ئۇ ئەسلىدە بىر كىچىك ئاشخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، تارتقان جاپاسىغا چۇشلۇق كىرىم قىلالماي كەسىپ ئۆزگەرتىش قارارىغا كەلگەن. بەش يىلنىڭ ئالدىدا، ئۇ كەنتتە ئۆرۈك يىغىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۆرۈكلىرى شىنجاڭدا سېتىلىپلا قالماي، بېيجىڭ، تيەنجىن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردا بازار تاپقان. نۆۋەتتە، توقسۇن ئۆرۈكىنىڭ ئاسالىق سورتلىرىدىن سۇلتان ئۆرۈك، يوغان ئاق ئۆرۈك، مايلىق ئۆرۈك قاتارلىقلار بار. سۇلتان ئۆرۈكى پوستى نېپىز، سۇلۇق، گۆشلۈك، پارقىراقلىقى بىلەن، شۇنىڭغا ئوخشاش مايلىق ئۆرۈك گۆشلۈك، تەملىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ