تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىمىز

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

   ‹‹پۇقرالارغا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى قايتۇرۇپ بېرىش››، ‹‹پۇقرالارغا سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاق، بېلىقلار ئۈزۈپ يۈرگەن، سۇنىڭ تېگىنى كۆرگىلى بولىدىغان مەنزىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش››، ‹‹پۇقرالارنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلىش، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش››، ‹‹پۇقرالار ئۈچۈن قۇشلار يېقىملىق سايرىشىدىغان، گۈللەر خۇش ھىدىنى تارىتىدىغان يېزا مەنزىرىسىنى ساقلاپ قېلىش››... باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، ھازىر دۇچ كەلگەن ۋەزىپە، خىرىسلارنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش زۆرۈر بولغان مۇھىم پىرىنسىپلارنى بېكىتىپ، بۇ توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۆزدە كۈچلۈك بۇرچ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى نامايان قىلىنغان، سۆزگە چوڭقۇر خەلق تۇرمۇشى ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلگەن، سۆز كەڭ دۇنياۋى نەزەر دائىرىگە ئىگە، ئۇنىڭدا گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشقا چاقىرىق قىلىنغان. بىز تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك.

   ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان. ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيەت خارابلىشىدۇ.

   ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋېن يۈبياۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىمىزگە يېڭى تەلەپ قويدى، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى مىزانغا ئىگە قىلدى. بىز باشتىن – ئاخىر شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىنقى ساھە قىلىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراق ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پاكىز سۇ، پاكىز ھاۋاغا ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا مۇھىتنى ياخشىلاش نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

   شىنجاڭ كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋۇ جياچۈن مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىيات يۇقىرى سۈپەتلىك زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، بۇلغىنىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ تەدبىرى. بىخەتەر كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ساھە باشقۇرۇش تارمىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، زىممىمىزگە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن. بۇ يىل كۆمۈر كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قالاق، خەتەرلىك، مۇھىت ئاسراشتا ئۆلچەمگە يەتمىگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارلىرىنى داۋاملىق شاللاپ، بىر تۈركۈم ئاپەت ئېغىر، بايلىق قىس، تېخنىكا ئەسلىھەلىرى قالاق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش شەرتىنى ھازىرلىمىغان، كۆمۈرچىلىك كەسىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كىچىك كۆمۈر كانلارنى شاللىۋېتىپ، كۆمۈر كانلارنىڭ كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش، زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز.

   قەشقەر ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى شۇخەي مۇنداق دېدى: يېشىل ئېكولوگىيە ئەڭ زور بايلىق، ئەڭ زور ئەۋزەللىك، ئەڭ زور كۇرسلۇق مەھسۇلات. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىلەرنى كىشىلەرگە مەڭگۈ قالدۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە قوغداشنى، باياشات تۇرمۇش ۋە گۈزەل مۇھىتنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

   خەلقنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قۇلاق سىلىپ، خەلق ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشىمىز كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئىقتىساد قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ شو مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مالىيە – باج سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى قوللاش جەھەتتىكى تۈرلۈك مەخسۇس تۈر مەبلەغلىرىنى سىجىل مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى قوللاپ، مۇھىتنى نازارەت قىلىش تورى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، مۇھىتنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەبلىغى ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۈنۈمى بىلەن باغلىنىشلىق خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، مەبلەغ ئۈنۈمىنى باھالاشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارى ۋە تۈزەش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ.

   ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ رېنجۈن مۇنداق دېدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، ئەڭ مۇھىم ئىش كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، سۈزۈك سۇ ھەرىكىتىنى تىرىشىپ قانات يايدۇرۇپ، پاكىز تۇپراق ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، مۇھىت خەۋپ – خەتىرىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئاقسۇنىڭ ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش، يېشىل تەرەققىيات سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   قاراماي شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ شياۋلىن مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹13 – بەش يىل››نىڭ ئاخىرىدا شەھەرنى چۆرىدىگەن ئېكولوگىيە چەمبىرىكى بەرپا قىلىشقا تىرىشىدۇ، 2030 – يىلىغا بارغاندا، شەھەر سىرتىدىكى 1 مىليون مودىن كۆپرەك قاقاسلىقتا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

   سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئارام ئېلىپ ئەسلىگە كېلىدىغان ۋاقىت ۋە بوشلۇق قالدۇرۇشىمىز كېرەك.

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن سەي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئاممىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى تېز ياخشىلاشنى بەك ئارزۇ قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا بىز بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، گۈزەل ئىلى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

   قەشقەر ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كۇڭ دېجيەن مۇنداق دېدى: يېشىل تەرەققىيات تەسەۋۋۇر، شۇنداقلا چىقىش يولى، ئۈمىد، شۇنداقلا ھەرىكەت. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان روھ بىلەن، بۇلغىما مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، توختاپ ئارام ئېلىۋېلىش خىيالىدا بولماي، مۇھىت قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق باغ – ئورمان ئىدارىسىدىكى فۇ يوۋخەي مۇنداق دېدى: بىز سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقلار ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى، دەيدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئورمان بىلەن ئوت – چۆپلەرنى ئارىلاش ئۆستۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يەننەندىكى قاقاس تاغقا كۆپلەپ دەرەخ تىكىپ، ياخشى دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ، بۇ تاشلىق تاغدا بىر يېشىل ئېكولوگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشقا بەل باغلىدۇق.

(مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يايۈن، خېي خۇڭۋېي، مېھرىگۈل ناسىر، جاۋ چۈنخۇا، چېن چياڭۋېي؛ گېزىتىمىزنىڭ قەشقەر مۇخبىرلار پونكىتىدىن ۋاڭ ۋېنبو؛ قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ جاۋگېڭ؛ ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ۋۇ چيۇڭ، لۈ نا، ۋاڭ كەن، ئەن يەن، كوۋ جۈنفېڭ، فېڭ يەن، ۋاڭ خۇي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ