تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

قاسىم ئاقنىياز: ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ياخشى تۇرمۇشقا ئىنتىلىمەن

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 100 يۈەنگە نېمە سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟ يېقىندا، يانچۇقىغا 100 يۈەن سېلىپ، بازار ئايلىنىۋاتقان قاسىم ئاقنىياز 100 يۈەننىڭ رولىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا بىر خالتا ئۇن، بىر قۇتا يېمەكلىك مېيى، يەنە تېخى بالىلارغا دەرىستىن سىرىتقى ئوقۇشلۇق ۋە ئوقۇش ماتېرىياللىرى سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى...

  شايار ناھىيەسىنىڭ تارىم دەرياسى باشقۇرۇش كومىتېتى قاسقان كەنتىدىكى قاسىمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر كۈن ئىشلىسىلا 100 يۈەن تاپالايتى.

  «بىزنىڭ بۇ كەنت كىچىك كەنت، شەھەردىنمۇ يىراق. بىراق، بىر كۈن ئەمگەك قىلسىلا 100 يۈەن كىرىم قىلالايدىغان ئىشلار كۆپ. مەن ھازىر ئۇششاق ئىش قىلىپ، ئەمگىكىم ئارقىلىق پۇل تاپالايدىغان بولدۇم، تۇرمۇشۇممۇ خېلى ياخشىلاندى» 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قاسىم مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

  بۇ كۈنى، قاسىم موتوسىكلىتىنى مىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى ئىش ئورنىغا بېرىپ ئىش قىلىشقا تەييارلىق كۆردى. ئۇ بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ شايار ناھىيەسى تارىم دەرياسى باشقۇرۇش كومىتېتى قاسقان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجىسى چاۋ دۇڭنى كۆرگىنىدە ئالايىتەن توختاپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  شايار ناھىيەسى تارىم دەرياسى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىلگىرى باقمىچىلىق مەيدانى بولۇپ، قاسقان كەنتى ئىلگىرى باقمىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان كەنت ئىدى. قاسىم ياش ۋاقتىدا ئۆيىدە ئەمگەك كۈچى كەم بولمىغانلىقتىن تۇرمۇشى بىكارچىلىقتا ئۆتەتتى. ئاتا-ئانىسىنىڭ ياشىنىشىغا، قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، بولۇپمۇ توي قىلىپ نەچچە يىلدىن كېيىن ئايالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىپ، قىزى بىلەن يالغۇز قالغان قاسىم كەنتتىكى نۇقتىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى.

  «ئىلگىرى ئىش قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىش قىلغۇسى كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆيىدە نېمە كەم بولىشىدىن قەتئىينەزەر تەشكىلدىن تەلەپ قىلاتتى» دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەزىز ھاشىم. ئۇ قاسىمغا: «پۇت قوللىرىڭ ساق، قىزىڭ ئاستا-ئاستا چوڭ بولىۋاتىدۇ، ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغىن، تەشكىلگىلا تايانساڭ قانداق بولىدۇ» دەيتتى.

  بۇ يىل، بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قاسقان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى. قاسىمغا ئوخشاش ياردەم سوراشقا ئامراق ئائىلىكلەرگە ياردەم قىلىش بىلەنلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولمايتتى، ئۆزىدىكى ھورۇنلۇقتىن غالىپ كېلىشىگە ياردەم قىلىپ، ئۆز قولىغا تايىنىپ پۇل تاپقۇزۇش كېرەك ئىدى.

  قاسىمنىڭ «ھورۇنلۇق كېسىلى»نى داۋالاش ئۇنچە ئاسانغا چۈشمىدى. كەنتتىكى باقمىچى ئىمىن تۇراپ ئۇنى قوي بېقىشقا ياللىماقچى بولغانلىقىنى، ھەر يىلى 30 مىڭ يۈەن بېقىش ھەققى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا قاسىم بۇنى رەت قىلدى. بىراق، خىزمەت ئەترىتىگە بېرىپ قىزىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن 1000 يۈەن پۇل لازىملىقىنى ئېيتتى.

  بۇ قېتىم خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر قاسىمنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى ۋە ئۇنىڭغا بىڭتۈەندىكىلەرنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جان باقىدىغان، تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان روھىنى ئۆگەتتى، كەنتتىكى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئاتلانغان مىساللارنى ئېيتىپ بەردى.

  خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ تەشكىللىشى بىلەن قاسىم بىڭتۈەن 1-شى 14-تۈەندىكى كادىرلار بىلەن كۆرەشتى، ئۇلار بىلەن تۇغقانلاشتى، ئۇلارمۇ پات-پات قاسىمنى يوقلىغىلى كەلگەچ ئۇنىڭغا كۆكتات تېرىشنى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، «ۋەتەننى سۆيۈش، خالىس تۆھپە قوشۇش، جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش» تىن ئىبارەت بىڭتۈەن روھىنى يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن قاسىمدىكى ھورۇنلۇق ئاستا-ئاستا يوقالدى. ئۇ ئەمدى ئىش قىلمىسا باشقا يۇرتداشلار بىلەن بولغان پەرقنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، قاسىم ئىشلەمچىلىك قىلىش ئويىنى ئەزىز ھاشىمغا ئېيتتى، ئەزىز ھاشىم خۇشاللىقىدىن «يۈر، نېمە ئىش قىلغۇڭ بار؟ خالىغان بىر ئىش قىلساڭ بىر كۈندە 100 يۈەن تاپىسەن، تېخنىكا ماھارەت ئىگىلىسەڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايسەن» دېدى.

  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن، قاسىم ئىشلەمچىلىق قىلىپ تاپقان پۇللىرىنى قولىغا ئالدى. چاۋ دۇڭ ئۇنىڭدىن يەنە كەنت كومىتېتىدىن پۇل دەپ ياردەم تەلەپ قىلامسەن؟ دەپ سورىغىنىدا ئۇ: «ياق، ئۆزۈم تاپقان پۇلنى خەجلىسەم تېخىمۇ خۇشال بولىدىكەنمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز قولۇمغا تايىنىپ ياخشى كۈنگە ئېرىشىمەن» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ