تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ زور پىلان.مەملىكەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، شى جىنپىڭ سۆزىدە خەلقنىڭ بەختى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇپەسسەل شەرھلىدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشتىكى تۈپ قوللانما، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى تەڭ ھەرىكەتكە كېلىشكە سەپەرۋەر قىلىش، ئېلىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەت پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش... پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى كۈندىن – كۈنگە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى، بۇلغىنىشنى تۈزەش سالمىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، تۈزۈم تۈزۈش قېتىم سانىنىڭ كۆپلۈكى، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمىنىڭ قاتتىقلىقى، مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى مىسلىسىز بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

   ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى يەنىلا مۇقىم ئەمەس، ئازراقلا بوشاڭلىق قىلىنسا، تەكرارلىنىش، ئېقىنغا قارشى كېمە ھەيدەش، كەينىگە چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ھازىر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بېسىم كۈچەيگەن، ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە، شۇنداقلا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارى ھازىرلانغان كۆزنەك مەزگىلىگە قەدەم قويدى. شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، بۇ ئاچقۇچلۇق مەزگىلدىن، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدىن، كۆزنەك مەزگىلدىن ھالقىپ ئۆتىمىز دەيدىكەنمىز، يەنە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىمىزگە، يەنە نۇرغۇن ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىمىزغا، يەنە نۇرغۇن ‹‹جاھىل كېسەل››نى داۋالىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ھازىر چىڭ تۇتمىساق، كەلگۈسىدە ھەل قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، تۆلەيدىغان بەدەل تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ئاقىۋەت تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. چىشىمىزنى چىڭ چىشلەپ، بۇ ئۆتكەل ۋە داۋانلاردىن ئۆتۈش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ، دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق كېرەك.

   ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيەت گۈللىنىدۇ، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيەت خارابلىشىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش شەرت. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى جەزمەن ياخشى قىلىش شەرت. مەيلى قانچىلىك جاپالىق بولسۇن، بىز ئىككىلەنسەك، چېكىنسەك بولمايدۇ. پەقەت ئەزىمەتلەرگە خاس سۇلماس ئىرادە، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتەك جاسارەت، شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشتەك شىجائەت بولغاندىلا، بۇ جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، شۇندىلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش خەلقنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشەلەيدۇ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، شۇندىلا سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى دەۋرىنى تىرىشىپ ئاچقىلى بولىدۇ.

   ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى ئەۋلادلارغا مەنسۇپ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سالماقنى زورايتىپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلساق، بىز چوقۇم ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تېغىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلالايمىز.

   (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ