تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتىپاقلىق

بىر جۈپ ئاچا-سىڭىلنىڭ بەختلىك كۈنلىرى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

    ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى جەنۇبىي چاڭشېڭ تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئەنتەي مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ كادىرى شىشۈەن يۈۋېي بىلەن ئۇنىڭ تۇغقىنى ما چىن پائالىيەتكە قاتناشتۇرغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان قول ھۈنەر بۇيۇمى ‹‹ئەپەندىم›› نۇرغۇن كىشىنى جەلپ قىلدى، بۇ قول ھۈنەر بۇيۇمىغا ئاچا-سىڭىل ئىككىيلەننىڭ تەسىرلىك تۇغقاندارچىلىق ھېكايىسى مۇجەسسەملەنگەن.
    ما چىن بالىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئون يىل ئىلگىرى ئېرى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى، ما چىننىڭ ئېرى مېيىپ بولغاچقا ئېغىر ئەمگەك قىلالمايتتى، دائىم ئىشسىز قالاتتى، ئۆي ئىجارىسى، كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمى، بالىنىڭ ئوقۇش پۇلى قاتارلىقلار ما چىننىڭ 2500 يۈەن مائاشىغا قاراشلىق ئىدى. ما چىن ھەر كۈنى تاڭ سەھەردە ئىشقا بېرىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە قايتىپ كېلىپ، تاماق ئېتىپ، كىر يۇياتتى، ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، تۇرمۇش بېسىمى ما چىننى ھالسىرىتىپ قويغانىدى.
    جەنۇبىي چاڭشېڭ تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 2017 – يىلى 4 – ئايدا شىشۈەن يۈۋېي بىلەن ما چىن قوشماق تۇغقان بولدى. ما چىن تاماق ئېتىشكە ئۇستا ئىدى. شىشۈەن يۈۋېي ۋاقتى چىقسىلا گۆش، كۆكتات سېتىۋېلىپ ما چىننىڭ ئۆيىگە باردى، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۆي تازىلىشىپ، چامى يەتكۈدەك ئىشلارنى قىلىشىپ بەرگەچ، ما چىندىن تاماق ئېتىشنى ئۆگەندى، ‹‹دەسلەپتە كۆكتاتنىمۇ ياخشى توغرىيالمايتتىم. ئاچام ماڭا سەۋرىچانلىق بىلەن ئۆگەتتى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تاماق ئېتىشنىڭ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم›› دېدى شىشۈەن يۈۋېي.
    شىشۈەن يۈۋېي تاماق ئېتىشتىن باشقا، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ سىن كۆرۈنۈشىدىن ھەرخىل قول ھۈنەر ماھارەتلىرىنى ئۆگەندى. شىشۈەن يۈۋېي ما چىننىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ماتېرىيال سېتىۋېلىپ ما چىنغا قول ھۈنەر بۇيۇمى ياساشنى ئۆگىتىپ قويدى. ما چىن مۇنداق دېدى: قول ھۈنەر بۇيۇمىنىڭ قېلىپى يوق، بىر يىپ – بىر يىپتىن تىكىپ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى شەكىللەرنى ھاسىل قىلساقلا بولىدۇ، مەن دەسلەپتە نانغا ئوخشىتىپ ھۈنەر بۇيۇمى تىكىپ قولۇمنى كۆندۈردۈم، چوڭ – كىچىك نەچچە ئون ‹‹نان››نى ياسىغاندىن كېيىن، خېلى ئۇستا بولۇپ قالدىم. تەسەۋۋۇرۇمدىكى نەرسىلەرنى تەدرىجىي مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندۇرالىسام، ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن.
    بىر يىلدىن بۇيان، ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەننى ئەڭ خۇشال قىلغىنى يېرىم ئايدا پۈتكەن ‹‹ئەپەندىم›› قول ھۈنەر بۇيۇمى بولدى. 15 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى ‹‹ئەپەندىم›› تېلېۋىزىيە كارتونىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى، چېھرىدىن بەخت ۋە مەمنۇنلۇق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ما چىن مۇنداق دېدى: ‹‹ئەپەندىم›› ئوبرازى ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، بىز بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق.
    ھازىر شىشۈەن يۈۋېي بىلەن ما چىن قول ھۈنەر بۇيۇمى ياسايدىغان سايمانلىرىنى دائىم يېنىدىن ئايرىمايدۇ. شىشۈەن يۈۋېي ۋاقتى بولسىلا ما چىننىڭ يېنىغا بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتۈۋاتقانلىقى، ئۆزئارا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساشنى مەسلىھەتلىشىدۇ. شىشۈەن يۈۋېي ‹‹ئەپەندىم››نى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىۋېدى، نۇرغۇن كىشى قىزغىن ئالقىشلاپلا قالماي، يەنە بەزىلەر ئۇنى سېتىۋالماقچىمۇ بولدى. شىشۈەن يۈۋېي مۇنداق دېدى: ‹‹ئەپەندىم››نى ئۈندىداردا ساتماقچى بولۇۋاتىمىز، ئاچام ياسىغان قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشىغا ياردەم بېرەلىسەم، ناھايىتى خۇشال بولغان بولاتتىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ