تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىزدە %98تىن كۆپ ياشانغان كىشى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو ياشانغانلار خىزمىتى ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدا ئېلان قىلغان «جۇڭگو شەھەر-يېزا ياشانغانلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات (2018-يىلى) »تا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدا داۋالىنىش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى %98تىن ئاشقان.

  دۆلىتىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى باشلىنىپ ھازىرغىچە  داۋالاش كاپالىتى تورىنى پۇختا، زىچ قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، كەڭ شەھەر-يېزىلاردىكى ياشانغانلارغا ئۈزلۈكسىز نەپ يەتكۈزمەكتە. جۇڭگو ياشانغانلار خىزمىتى ئىلمىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شېنيۈەن شۇ كۈنكى ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى شەھەر-يېزىلاردا داۋالاش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولغان ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %98.9 ۋە %98.6كە يېتىپ، 2006-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 24.8 پىرسەنت پوئېنت ۋە 53.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىش ۋە ساياھەت ئىستېمالى ھەرىكىتىدىكى ياشانغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %12.4 ۋە %14.31 بولۇپ، ساياھەت بارغانسېرى ياشانغانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىكى يېڭى تاللىشى بولۇپ قالغان.

  ساغلام ياشانغانلار ئۇقۇمىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ياشانغانلار جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭگەن. ياشانغانلار داشۆسى، ئاممىۋى پاراۋانلىق پائالىيىتى، مەھەللە ئاممىۋى ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشتا ياشانغانلارنىڭ سىماسى بارغانچە كۆپەيگەن.

  دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ قېرىلىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىقتىداردىن قالغان، يېرىم ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنىڭ سانى كۆپ بولۇش قاتارلىق ئېغىر خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن. بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان دوكلات ئاساسلىقى 4-قېتىملىق « جۇڭگو شەھەر-يېزىلىرىدىكى ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش» سانلىق مەلۇماتىنى ئاساس قىلغان. بۇ تەكشۈرۈشكە مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى رەھبەرلىك قىلغان، مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەستىقلىغان بولۇپ، بەش يىلدا بىر قېتىم قانات يايدۇرۇلىدىكەن، 2000-يىلىدىن ھازىرغىچە تۆت قېتىم قانات يايدۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ