شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 5-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى. 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ھەمدە جۇڭگو شەرقىي-غەربىي رايونلار ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى شىئەندە ئاخىرلاشتى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ھالقىپ بىرلىكتە ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ھەمكارلىق يىغىنى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى» ئارقىلىق، «2018-يىللىق يىپەك يولى سودا ھەمكارلىقى (شىئەن) يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئورتاق تونۇشى»نى شەكىللەندۈرۈپ، يىپەك يولى داشۆلەر ئىتتىپاقى ئالەم قاتنىشى ئاۋىياتسىيە تارماق بىرلەشمە ئىتتىپاقى قاتارلىق 11 «بىر بەلباغ، بىر يول» ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.
بۇ قېتىمقى يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسىگە قازاقىستان، ئەنگلىيە، مالايشىيا، فىلىپپىن قاتارلىق 75 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 52 سىياسىي ئەرباب، 1900دىن كۆپ چەت ئەللىك مېھمان قاتناشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى، يىپەك يولى مائارىپ ھەمكارلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنى، 2018-يىللىق يىپەك يولى خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۇچرىشىشى قاتارلىق 40 مەيداندىن كۆپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلدى، بۇ پائالىيەتلەر ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پۇل مۇئامىلە، قانۇن، مائارىپ قاتارلىق 20دىن ئارتۇق ساھە ۋە باش تېمىغا چېتىلىدۇ. شەنشى ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە چەت ئەل مەبلىغى تۈرىدىن پايدىلىنىپ توختام بويىچە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلىغى 5 مىليارد 122 مىليون دوللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل مەبلىغى 4 مىليارد 708 مىليون دوللار بولغان. 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شۆ جيەنشىڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە، شەنشىنىڭ نۇقتىلىق تونۇشتۇرغان تۈرى 430، جەمئىي سالغان مەبلەغ 1 تىرىليون 20 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىك، ئېنېرگىيە-خىمىيە سانائىتى، ياسىمىچلىق، ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق چوڭ توققۇز تۈرگە چېتىلىدۇ. مەملىكەت ئىچىدە ئىمزالانغان بىرلەشمە تۈر توختامى بويىچە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 1 تىرىليون 404 مىليارد 521 مىليون يۈەن؛ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرى سودا توختام سوممىسى 519 مىليون يۈەن بولدى.