تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە كونا سۇ كىلاپانلىرى مەركەزلىك ئالماشتۇرۇلدى ‏

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ساي يولى، خەلق يولى، شىخابا ئالدى كوچىسى، قىزىلتاغ يولى قاتارلىق يول بۆلەكلىرىدىكى كونا سۇ كىلاپانلىرىنى مەركەزلىك ئالماشتۇرۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشىدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگەتتى.

  مۇخبىر شۇ كۈنى سائەت 14 تە ساي يولى ئەتراپىدىكى كونا سۇ كىلاپانىنى ئالماشتۇرۇش نەق مەيدانىدا كىلاپان ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ جىددىي ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى جىددىي رېمونت قىلىش مەركىزى جىددىي رېمونت قىلىش 2-ئەترىتىنىڭ باشلىقى تيەن رۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يول بۆلىكىدە دىيامېتىرى 700 مىللىمېتىر كېلىدىغان، ئېغىرلىقى 800 كىلوگىرام كېلىدىغان سۇ كىلاپانىنى ئالماشتۇرىمىز، ماشىنا ۋە ئادەم كۈچىنى ماسلاشتۇرغاندا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇشقا ئاز بولغاندا سەككىز سائەت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ.

  ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى جىددىي رېمونت قىلىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر جىن چۇنيۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم ئالماشتۇرۇلغان 14 سۇ كىلاپانىنىڭ دىيامېتىرى 100-700 مىللىمېتىرغىچە بولۇپ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن، بۇلاردا سۇ ئېقىش، ئېچىلماسلىق، تاقالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت، كونا سۇ كىلاپانلىرىدا سۇ ئېقىش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ئاھالىلەرنىڭ نورمال سۇ ئىشلىتىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا چوقۇم ئالماشتۇرۇش كېرەك».

  جىن چۇنيۈەن يەنە مۇنداق دېدى: ئالاقىدار قۇرۇلۇشلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 15-كۈنى شەھەر رايونىدىكى نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختىدى، بۇ قېتىم سۇ توختىغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، كونا سۇ كىلاپانلىرى ئالماشتۇرۇلدى. ئالماشتۇرۇلىدىغان كىلاپانلار بىرقەدەر كۆپ، قۇرۇلۇش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، خىزمەتچىلەر بىر كۈن بۇرۇن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئالماشتۇرۇلغان 14 كونا سۇ كىلاپانىدىن سىرت، ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھى بۇ يىل يەنە شەھەردىكى 100 دىن ئارتۇق دىيامېتىرى 100 مىللىمېتىر (100 مىللىمېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئاشىدىغان كونا سۇ كىلاپانلىرىنى داۋاملىق ئالماشتۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ