تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى مۇھىم مەسئۇلى ـــ شيۇڭ شيۇڭ

  جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يىفېڭ ناھىيەسى فاڭشى بازىرى شياۋۇ كەنتى بۇرۇنقىدەكلا جىمجىت بولۇپ، ئەگرى – توقاي چىغىر يوللار تۇتاشقان خىلۋەت جايدا بىر ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ كونا تۇرالغۇسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قۇلاق تۈۋىدە شالدىرلاپ تۇرغان بامبۇكنىڭ ئاۋازى كىشىلەرگە بۇ ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئۆتمۈشتىكى ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى مۇھىم مەسئۇلى ـــ شيۇڭ شيۇڭ.

  شيۇڭ شيۇڭ 1892 – يىلى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يىفېڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا يۇرتى شياۋۇ كەنتىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ‹‹تەن بىلەن روھ، ئائىلە بىلەن دۆلەتنى بىر گەۋدە قىلىش››تەك كۇڭزىچىلىق ئېقىمىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى يېتىشتۈرگەن. 1907 – يىلى يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان رۇيجوۋ مەھكىمىسى ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن، كېيىن نەنجىڭ ئەلاچىلار سىفەن شۆتاڭغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.

  شيۇڭ شيۇڭ ياش چاغلىرىدا شىنخەي ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، جۇڭخۇا ئىنقىلابىي پارتىيەسىگە كىرگەن. 1920 – يىلى فىرانسىيەگە بېرىپ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇغان. 1922 – يىلى 3 – ئايدا گېرمانىيەگە بېرىپ ئوقۇغان، شۇ يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو ئۆسمۈرلەر كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  شيۇڭ شيۇڭ 1923 – يىلى 3 – ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موسكۋا شەرق ئەمگەكچىلەر كوممۇنىزم داشۆسى جۇڭگو سىنىپىغا كىرىپ ئوقۇغان ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىدە ھەربىي قىسىم سىياسىي خىزمىتىنى ئۆگەنگەن. 1925 – يىلى 9 – ئايدا دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، خۇاڭپۇ ئوفىتسېرلار مەكتىپى سىياسىي چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇ يىلى 10 – ئايدا چېن جيۇڭمىڭغا جازا يۈرۈشى قىلىش بويىچە 2 – قېتىم شەرققە يۈرۈش قىلىشقا قاتنىشىپ، شەرققە يۈرۈش قىلىش ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باش كاتىپى بولۇپ تەيىنلىنىپ، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى جوۋ ئېنلەينىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلاشقان.

  شيۇڭ شيۇڭ 1926 – يىلى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىگە يۆتكىلىپ سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ، سىياسىي بۆلۈمنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ رايونلۇق كومىتېتى ھەربىي كومىتېتىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ رايونلۇق كومىتېتى شيۇڭ شيۇڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، پارتىيەنىڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى رەھبەرلىك يادروسى يۈن دەييىڭ، شيۇڭ شيۇڭ، نيې رۇڭجېن، چېن گېڭ قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپى پارتىيە – ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇشنى قارار قىلغان، شيۇڭ شيۇڭ پارتىيە – ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ شۇجىلىقىغا كۆرسىتىلگەن.

  شيۇڭ شيۇڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى مەزگىلدە بىر قاتار سىياسىي خىزمەت تۈزۈمىنى تۈزگەن، ئورناتقان، مۇكەممەللەشتۈرگەن ھەم ئۆزى ‹‹ھەربىي مەكتەپ سىياسىي خىزمىتى›› قاتارلىق دەرسلىكلەردىن دەرس بەرگەن، يۈن دەييىڭ، شياۋ چۇنۈ، گاۋ يۈخەن قاتارلىق كوممۇنىستلارنى سىياسىي ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان، يەنە ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ليۇ شياۋچى قاتارلىق يولداشلارنى ھەربىي مەكتەپتە سىياسىي نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹خۇاڭپۇ كۈندىلىك گېزىتى››، ‹‹شۆخۇا دىراما ئۇيۇشمىسى››نى قۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئىدىيەنى كەڭ تەشۋىق قىلغان. شيۇڭ شيۇڭنىڭ سىياسىي نەزەرىيە ئاساسى پۇختا بولۇپ، ‹‹ھەربىي ئىشلار بىلەن سىياسىي، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىر گەۋدە بولۇش››، ‹‹نىسپىي بويسۇنۇش بىلەن مۇتلەق بويسۇنۇش››، ‹‹ئىنقىلابىي ھايات – مامات قارىشى›› قاتارلىق سىياسىي نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رەھبەرلەر، خىزمەتداشلارنىڭ ماختىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، ‹‹شيۇڭ نەزەرىيەچى›› دەپ ئاتالغان.

  شيۇڭ شيۇڭ ئوقۇتۇش داۋامىدا ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەسىرلىك، جانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئۇ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدىكى مەزگىلدە ئىجتىھات بىلەن پۇختا خىزمەت قىلىپ، ھەم جەڭگە قوماندانلىق قىلالايدىغان، ھەم سىياسىي خىزمەت قىلالايدىغان ھەربىي ئىشلار سىياسىي كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، گۇاڭدۇڭ ئارقا سېپىنى مۇستەھكەملەشكە مۇھىم تۆھپە قوشقان.

  شيۇڭ شيۇڭ 1927 – يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى گۇاڭجوۋ ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدە قولغا ئېلىنغان. 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 35 يېشىدا مەخپىي ئۆلتۈرۈلگەن.

   ‹‹شيۇڭ شيۇڭنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەش قىلغان ھايات، شۇنداقلا شانلىق ھايات››. يىفېڭ ناھىيەلىك تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يى شياۋلياڭ مۇنداق دېدى: شيۇڭ شيۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، شۇنداقلا خېلى بۇرۇنلا ئىنقىلابىي قوشۇننىڭ سىياسىي خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر.

  ئىنقىلابىي قۇربان شيۇڭ شيۇڭنىڭ كونا تۇرالغۇسىغا كىرسىڭىز، چوڭ ئۆيدە يەنە شيۇڭ شيۇڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئۆي – ئوچاقلىق بولۇش ئىزنالىرى ساقلاپ قېلىنغان، مۇكەممەل ساقلىنىۋاتقان ئۈستەل، كارىۋات، كىيىم ئىشكابى، پەنەر قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىر ئۆسمۈردىن قانداق قىلىپ ھەربىي قوشۇننىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي خىزمەت رەھبىرى بولۇپ يېتىلگەنلىكىگە گۇۋاھ بولىدۇ.

  كونا تۇرالغۇنىڭ مەركىزىي زالىغا سۆز قالدۇرۇش خاتىرىسى قويۇلغان بولۇپ، نەچچە ئون ۋاراقلىق قېلىن قەغەزگە ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلارنىڭ سېغىنىش ھېسسىياتى خاتىرىلەنگەن. ئاخىرقى بىرنەچچە ۋاراقتا فاڭشى بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىسى شيۇڭ ئاۋيۆ يازغان مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار ‹‹شيۇڭ شيۇڭ، سىز شيۇڭ جەمەتىمىزنىڭ پەخرى، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزنىڭ پەخرى. سىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىڭىز ھاياتىمىزدىكى ئۆچمەس خاتىرە، رەھمەت سىزگە››.

  يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، يىفېڭ ناھىيەسى ئىنقىلابىي قۇربان شيۇڭ شيۇڭنىڭ ئىنقىلابىي روھىنى تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، يىفېڭ ناھىيەلىك شيۇڭ شيۇڭ تەتقىقات جەمئىيىتىگە قاتناشقان ئىنقىلابىي قۇربان شيۇڭ شيۇڭنىڭ جىيەن نەۋرىسى شيۇڭ چىگۇاڭ مۇنداق دېدى: بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ ئائىلىمىزدىكىلەر بىزگە شيۇڭ شيۇڭنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرەتتى، لېكىن بىز ئۇنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرەلمىدۇق، مەن بىر دېھقان، مەدەنىيەت سەۋىيەم ئادەتتىكىدەك بولسىمۇ، ئۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شيۇڭ شيۇڭنىڭ ھاياتىنى چۈشەندۈرسەم دەيمەن.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ