تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەمگەكچىلەرنىڭ خۇشاللىق ناخشىسى ياڭرىدى

ئامما كەڭ كەتكەن يايلاقتا ئۇسسۇلغا چۈشتى.

    ئۆز مۇخبىرىمىز راھىلە ئېزىز خەۋىرى، فوتوسى: ئەتراپ گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن، ھەممە يەرنى يېشىللىق قاپلىغان، ئېتىز-ئېرىقلاردا ئەمگەك قاينىغان ماي ئېيىدا، گۇما ناھىيە چودا يېزىسىنىڭ باشلاقبىنام كەنتىدە «ئەمگەكچىلەرنىڭ خۇشاللىق ناخشىسى» تېمىسىدىكى بىر مەيدان ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

    «يىلنىڭ بېشى باھاردىن، ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن» دېگەندەك، ئەتىياز ئايلىرىدا ھەممەيلەن ئېتىز-ئېرىق ۋە ھويلا-ئاران ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەمگەك ئىشلىرىغا تېخىمۇ مەدەت بېرىش، شۇنداقلا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە باشلاقبىنام كەنت كومىتېتى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردى.

    پائالىيەتتە، ئالدى بىلەن ئىككى يولداش دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئاندىن ئۈچ شىياۋدۈي بويىچە قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى باشلاندى. كۆپچىلىك «سوتسىيالىزم ياخشى»، «بېيجىڭ تيەنئەنمىننى سۆيىمەن»، «ۋەتەننى مەدھىيەلەش»، «ئىتتىپاقلىق كۈچ» دېگەن تېمىلاردا دۆلەت تىلىدا ناخشا ئېيتىپ، بىر يىلدىن بۇيان ئۆگىنىۋاتقان دۆلەت تىلى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي نامايان قىلدى.

    باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىغان دېكلاماتسىيە «دىزىگۈي» مەيدان كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئەقىللىق بالىلار پىششىق بولغان دۆلەت تىلى بىلەن 1080 خەتلىك شېئىرنى قىلچە تەمتىرىمەستىن يادقا دېكلاماتسىيە قىلغاندا، تۆۋەندە ئولتۇرغان ئاتا-ئانىلارنىڭ چىرايىدىن رازىمەنلىك ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتتى.

    كەنت ئاھالىسى ئوغۇلنىسا سېيىت مۇنداق دېدى: ھازىر دېھقانلىرىمىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە بېيىشقا قاراپ يۈزلىنىش بىلەن بىرگە، مەنىۋى تۇرمۇشىمۇ رەڭدار بولماقتا. دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن چارچاپ قايتقان ۋاقىتلىرىمىزدا كەنت كومىتېتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كەچلىك دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى، ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر بىزنىڭ ھاردۇقىمىزنى چىقىرىدۇ. بۈگۈن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى بىز دېھقانلارغا ئۆزگىچە بولغان بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، بىز بۇ قېتىم كەنت كومىتېتى قورۇسىدىن چىقىپ، كەڭ كەتكەن يايلاقتا، گۈزەل كۆل بويىدا ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق، ئەتراپتىكى گۈزەل مەنزىرە بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن پائالىيەت سورۇنى بىزنى ناھايىتى ھاياجانلاندۇردى.

    پائالىيەت ئاخىرىدا يەنە، بۇ كەنىتتىكى بىر جۈپ ئىشچان قولى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن بېيىش يولىغا مېڭىۋاتقان، ئەمگەكنى شەرەپ دەپ بىلىپ، تېخنىكا ئىگەللەپ، كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئىشلەۋاتقان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياشلار ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تەقدىرلەندى.

پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

مۇنەۋۋەر ياشلار ۋە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى تەقدىرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ