تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ھاشاراتلار يەپ قويغان شال تېخىمۇ تاتلىق بولىدىكەن

    سېروتونىن بولسا، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە شادلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان بىرىكمە، جېجياڭ داشۆسى يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىدىكى شۇ چىڭياۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھاشاراتلارمۇ سېروتونىننى ياخشى كۆرىدىكەن. ھاشاراتلار شال يېگەندە ئۆسۈملۈك تېنىدىكى سېروتونىن مىقدارى كۆپىيىدىكەن، ھاشاراتلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بۇ شالنىڭ «تەمى» ۋە «ئوزۇقلۇق قىممىتى» نى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىك بولىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىلىم-پەن ساھەسىدە سېروتونىن بىلەن شالنىڭ ھاشاراتقا تاقابىلچانلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېچىپ بېرىلىشى ئىكەن. بۇ كېيىنكى قەدەمدە تاقابىلچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان شال يېتىشتۈرۈش ۋە ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ھاشارەت يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يېڭى پىكىر يولى تەمىنلەيدۇ.

    قوڭۇر ئۇچار پىت بىلەن قۇرت شاللىقتىكى بۇزغۇنچىلىقى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىككى خىل زىيانداش ھاشارات. جېجياڭ داشۆسى ھاشاراتلار ئورنىدىكى پىروفېسسور لۇ يۇڭگېن ئۇزاق مۇددەت ئۆسۈملۈك بىرىكمىسى بىلەن ھاشارات ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش مېخانىزمىغا دىققەت قىلغان، نەتىجىدە لۇ يۇڭگېن ھاشاراتلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغاندا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورگانىزمىدا ئوخشاش بولمىغان خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ھاشاراتلار شالنى يېگەندە شالدىكى سېروتونىن مىقدارى يۇقىرىلايدىكەن. ئۇ ئاساسلىقى CYP71A1 ناملىق گېننىڭ بىرىكمىسى ئىكەن. شۇ چىڭياۋ مۇنداق دېدى: «ھاشارات شالنى يېگەن مەزگىلدە، سېروتونىننىڭ <ۋېكليۇچاتېلى> ئېچىلىدۇ».

    سېروتونىننىڭ ھاشاراتلارغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، دوكتور شىڭ لوتىڭ «قۇرت ساناش» خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن، يەنى: 15 دانە قوڭۇر ئۇچار پىتنى شال بار ئىككى قاچىغا سالغان، بىر قاچىدىكى شال تەبىئىي ياۋا تىپلىق شال، يەنە بىر قاچىدىكى شال  CYP71A1 گېنى ئايرىۋېتىلگەن شال. لو تىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ناھايىتى قىزىقارلىق ھادىسىنى بايقىدۇق: دەسلەپتە تارقىلىشى تەكشى بولغان قوڭۇر ئۇچار پىتى بىر مەزگىلدىن كېيىن روشەن ئايرىلدى»، كۆپ قىسىم قوڭۇر ئۇچار پىتى تەبىئىي ياۋا تىپلىق شالنى تاللىدى. ھالبۇكى، ھاشاراتلارنىڭ CYP71A1 گېنى ئايرىۋېتىلگەن شال بىلەن كارى بولمىدى. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلار سېروتونىن  ئاجراتمىسىنى ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.

    ئالىملارنى قىزىقتۇرىدىغىنى: ھاشاراتلار نېمە ئۈچۈن سېروتونىننى ياخشى كۆرىدۇ؟

    تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تېخىمۇ كۆپ سېروتونىن قوبۇل قىلغاندا ھاشاراتلارنىڭ يېتىلىشى تېزلىشىپ، گەۋدىسى تېخىمۇ «قاۋۇللىشىدىكەن»، بۇ تەرىپى  يېشىل قۇرتتا  ئالاھىدە روشەن ئىپادىلەنگەن. شۇ چىڭياۋ مۇنداق دېدى: «قۇرت ناھايىتى ئەقىللىق، ئۇ <يېيىش>نى بىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېمەكلىكنى تېخىمۇ <مەززىلىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى> قىلالايدۇ، مانا بۇ ھاشاراتلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى».

    بۇ بايقاش شالنىڭ تاقابىلچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

    تەتقىقات كوللېكتىپى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۆسۈملۈك تېنىدە سېروتونىن ۋە سالىتسىلىك كىسلاتا بىرىكمىسىنىڭ ئورتاق بىر مەنبە ماددىسى __ خورسىمىك كىسلاتا بارلىقىنى بايقىغان. سالىتسىلات كىسلاتاسى بولسا، شالنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىر خىل بىرىكمە.

    ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى، پىروفېسسور لۇ خەيپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سېروتونىن ۋە سالىتسىلىك كىسلاتانىڭ بىرىكىش جەريانىدا ئۆزئارا مەنپىي كونتوروللىشى مەۋجۇت بولىدۇ، ئەسلىدىنلا قارشى تەرەپنىڭ بىرىكمە گېن ئاكتىپچانلىقىنى ئۆزلۈكىدىن چەكلەش رولى بار، مەسىلەن: سالىتسىلىك كىسلاتا CYP71A1 گېنىنىڭ ئېچىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق، سېروتونىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھاشاراتلارنىڭ شالنى يەپ سېروتونىننى ئاشۇرۇشى ئەسلىدە كېسەلگە قارشى تۇرىدىغان شالنىڭ سالىتسىلىك كىسلاتانى ئازايتىشىغا ياردەم بەرگەنلىكتۇر.

    شۇ چىڭياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سېروتونىن ۋە سالىتسىلىك كىسلاتانى بىرىكتۈرۈپ ماددا ئالماشتۇرىدىغان يولى بار، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات شال ۋە باشقا زىرائەتلەرنىڭ ھاشاراتقا تاقابىلچان سورتىنى يېتىشتۈرۈشىگە يېڭى ئىلھام ئېلىپ كېلىدۇ. مەزكۇر ماقالە يېقىندا «تەبىئەت . ئۆسۈملۈك» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ