ئۆز خەۋىرىمىز. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدىن 5-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ تېمپېراتۇرا ئاستا قەدەمدە ئۆرلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىمالىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، بوران چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى تارقاتقان قاتتىق يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە ئىكەن.
5-ئاينىڭ 15-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، قومۇلنىڭ شىمالى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.
5-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، ئىلى ئوبلاستى، قومۇلنىڭ شىمالى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون، بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا ئارزاق، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، قىسمەن جايلاردا قۇم ئۇچۇش ياكى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى چوڭ بولمايدىكەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بىلەن دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسى بىرلىشىپ تارقاتقان گېئولوگىيەلىك ئاپەت ۋە ھاۋارايى خەۋپ-خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىش سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدا كۆرسىتىلىشىچە، كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، كۈنەس ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرى، نىلقا ناھىيەسىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا گېئولوگىيەلىك ئاپەت خەۋپ-خەتىرى دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى يېقىندا شىمالىي شىنجاڭدا يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولغانلىقتىن، قىسمەن جايلاردا كۈچلۈك ھۆل-يېغىن پەيدا قىلغان كەلكۈن، لاتقا شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنى ئەسكەرتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى تەسىرىدە ھەر قايسى جايلاردا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.