شىنجاڭ تورى خەۋىرى: نۆۋەتتە ئۈرۈمچىنىڭ «كۆمۈر ئورنىغا گاز يېقىلغۇ قىلىش» قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، 27 ئورۇندىكى 5000 دىن ئارتۇق كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان پار قازان ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ ياكى چېقىلىۋاتىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى شەھەرلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مەمۇرىي ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، مىچۈەن كۆكتاغ رايونى،تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، بۇلاقتاغ رايونلىرىدا «كۆمۈر ئورنىغا گاز يېقىلغۇ قىلىش» قۇرۇلۇشى باشلانغان. بۇ، خېشى كەنتى، شەرقىي باياۋان كەنتى، گۇاڭدۇڭ جۇاڭزى كەنتى، جېنشىن كەنتى، شەرقىي چوڭكۆل ، داپۇگۇ، جەنۇبىي تىك قۇدۇق قاتارلىق 27 ئورۇندىكى 5000 دىن ئارتۇق كۆمۈر قالىنىدىغان پار قازىنىنى چېقىش ياكى ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بۇ يىل ئۈرۈمچىدە «كۆمۈر ئورنىغا گاز يېقىلغۇ قىلىش» زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئېلېكتىرلەشكەن ئۈرۈمچى بەرپا قىلىنىدۇ. «كۆمۈر ئورنىغا گاز يېقىلغۇ قىلىش» قۇرۇلۇشى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئارقا-ئارقىدىن باشلىنىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى 19 مىڭدىن ئارتۇق كۆمۈر قالىنىدىغان ئىسسىتىش ئەسلىھەسىنى چېقىش ۋە ئۆزگەرتىش خىزمىتى يولغا قويۇلىدۇ. 2018-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە «كۆمۈر ئورنىغا گاز يېقىلغۇ قىلىش» قۇرۇلۇشى تاماملانغاندىن كېيىن، قىشتا يېقىلغۇغا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر سەرپىياتى 117 مىڭ توننا، قويۇپ بېرىلىدىغان كاربون تۆت ئوكسىدى 1900 توننا، ئىس-تۈتەك 4700 توننا ئازىيىپ، كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئەسلىھەلەرنىڭ تۆۋەن بوشلۇققا بۇلغىما قويۇپ بېرىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، ئاتموسفېرا مۇھىتى سۈپىتى ياخشىلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدا تەبىئىي گازنى ئاساس قىلغان پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى گازلاشتۇرۇلغان شەھەرگە ئايلانغان. بىراق، شەھەر چېتىدىكى كەنت ۋە يېزىلاردا قىسمەن ئاھالىلەر كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىپ ئىسسىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى يەنىلا مەۋجۇت. 2017-يىلىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە «كۆمۈر ئورنىغا گاز يېقىلغۇ قىلىش» خىزمىتى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، 30 مىڭدىن ئارتۇق كۆمۈر قالاپ ئىسسىتىش ئەسلىھەسى چېقىۋېتىلگەن، ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ، 41 كەنتكە چېتىلغان.