شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 8-قېتىملىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى 10 مەنزىرە رايونى ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بەزى ساياھەت رايونلىرىغا ھەقسىز كىرەلەيدۇ.
مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلقى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»دە ئۈرۈمچىدىكى ئېتىبار سىياسەت ئوتتۇرىغا قويغان 10 مەنزىرە رايونى ئايرىم-ئايرىم تىيانشان چوڭ جىلغىسى، غەربىي بەيياڭگۇ، شەرقىي بەيياڭگۇ، بۈركۈت جىلغىسى، يىپەك يولى ئىستىراھەت رايونى، «خۇاليەن» يېزا ئىگىلىك مەنزىرە باغچىسى، يەنۋو سۇ دۇنياسى، شېنمۇيۈەن چەۋەندازلىق كۇلۇبى، خۇڭگۇاڭشەن، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى چىلانتورۇق بازىسىدىن ئىبارەت ئىكەن.
بۇنىڭ ئىچىدە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى غەربىي بەيياڭگۇ مەنزىرە رايونىدا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدىكەن، تىيانشان چوڭ جىلغىسى، شەرقىي بەيياڭگۇ، بۈركۈت جىلغىسى، خۇڭگۇاڭشەن قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ شۇ كۈنكى كىرىش بېلىتى يېرىم باھادا سېتىلىدىكەن، قىسمەن مەنزىرە رايونلىرىدا ساياھەتچىلەر ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرسا ھەق ئېلىنمايدىغان بولۇپ، ئىككى كىشىلىك چوڭلار بېلىتى سېتىۋالسا بىر بالىلار بېلىتى سوۋغا قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 1999-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى نىڭبودا «دۇنيا ساياھەت كۈنى» تارماق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭخەي ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شياۋچىننىڭ ئىدىيەسىدە ئېلىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ساياھەت كۈنى بولۇشى كېرەك دەيدىغان ئوي پەيدا بولغان. 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ما شياۋچىن نىڭخەي «شۈشياكې» ساياھەت كۇلۇبى نامىدا «شۈشياكې ساياھەت كۇلۇبى خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم 5-ئاينىڭ 19-كۈنىنى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى »قىلىپ بېكىتىش تەشەببۇسىنى يازمىچە ئوتتۇرىغا قويغان. نەچچە يىللىق تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە 2011-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي كېڭىشى يىغىنى قارار ماقۇللاپ، 2011-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنىنى «جۇڭگو ساياھەت كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.