تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىڭىزنى ھەپتىدە بىر قېتىم تازىلاڭ

    ھازىر كىشىلەر كومپيۇتېرنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، كونۇپكا يېرىقلىرىغا دائىم كىر كىرىۋالىدۇ، كونۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيە تەرەت قاچىسىدىكى باكتېرىيەدىنمۇ كۆپ. ئاۋسترالىيە سۋېزىلاند پەن-تېخنىكا داشۆسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئىشخانىدىكى كونۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيە تەرەت قاچىسىدىكى باكتېرىيەنىڭ 400 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ چىكاگودىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ بايقىشىچە، دورىغا چىداملىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدا 24 سائەت تۇرۇپ قالىدىكەن.

    گوللاندىيەدىكى بىر دوختۇرخانا 100 كونۇپكا تاختىسىغا قارىتا تەجرىبە ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، 95  كۇنۇپكا تاختىسىدا زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى ۋە باشقا قوزغاتقۇچى بارلىقىنى  ئۆلچەپ چىققان ھەمدە ئۇلارنى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدىكى ئەڭ مەينەت جىسىم، دەپ قارىغان.

    ئاۋسترالىيە پەن-تېخنىكا ئاخبارات تورى يېقىندا كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسىنى تازىلاشتا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلارنى يىغىنچاقلاپ چىققان. نۇرغۇن مىكروبىيولوگىستلارنىڭ قارىشىچە، ئىشخانىدىكى ئۈستەل ۋە كومپيۇتېر تاختىسىنى ھەپتىدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم تازىلاش زۆرۈر ئىكەن، ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بەردى: كىشىلەر ئورتاق ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ھەم كېيىن قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك، بولۇپمۇ يۇقۇملۇق زۇكام پەسلىدە چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك. ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان مەخسۇس كومپيۇتېردىكى باكتېرىيەلەر بولسا سىزنىڭ قولىڭىزدىن كېلىدۇ، گەرچە ئۇلار سالامەتلىككە زىيانلىق بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا قولىڭىزنى دائىم يۇيۇپ بېرىڭ، كونۇپكا تاختىڭىز پاكىز بولسۇن.

    كونۇپكا تاختىڭىزنى تازىلىغاندا كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ، توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىڭ، ئاندىن شامالدۇرغۇچ بىلەن كونۇپكا ئارىلىقىغا كىرىۋالغان ئۇششاق ئەخلەتلەرنى تازىلاپ چىقىرىۋېتىڭ. تازىلاش مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: سۇ بىلەن ئىسپرت مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرۇلغان سۇيۇقلۇققا تالا رەختنى چىلاپ كونۇپكا تاختىسىنى سۈرتسىمۇ بولىدۇ، ياكى ئىسپرتقا چىلانغان پەلتىكۈچ بىلەن كونۇپكا ئارىلىقلىرىنى تازىلىسىمۇ بولىدۇ.

    ئامېرىكا نيۇيورك داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ مىكروبىيولوگىستى رېينولد مۇنداق تەكلىپ بەردى: يان تېلېفونغىمۇ چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. يان تېلېفوندا ئادەتتە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە زەنجىرسىمان شار باكتېرىيەسى بولۇپ، كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيەگە ئوخشاش ئاسانلا گىرەلەشمە تارقىلىدۇ. شۇڭا كۈندە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئىسپرتقا چىلانغان پاختا بىلەن يان تېلېفوننى پاكىز سۈرتۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ