تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىلدا 1400 قېتىم قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز بار››

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ

  5 – ئاينىڭ 11 – كۈنى گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ئۇزاق ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، لىق يۈك بېسىلغان بۇ يىلقى 332 – قېتىملىق جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىن يولغا چىقتى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ما چۈنلېي: جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بۇ يىل 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە بولغان ئومۇمىي قاتناش قېتىم سانى 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى مۇھىم تىرەك قىلغان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى پۈتۈن شەھەرنى، ھەتتا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەيدىغان ئۈلگە رايونغا ئايلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

  ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئەمدىلا ئىش باشلانغان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى زىيارەت قىلغانىدىم. ئەينى چاغدا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىلانلانغان بولسىمۇ، مەسىلە ئاز ئەمەس ئىدى؛ پۇرسەت كۆپ بولسىمۇ، سودىگەر جەلپ قىلىشى تەس ئىدى؛ يوشۇرۇن كۈچى زور بولسىمۇ، تۆھپىسى ئاز ئىدى. بولۇپمۇ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش رولى جارى قىلدۇرۇلمىغانىدى.

  ئۈچ يىللىق تېز تەرەققىيات ئارقىلىق قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 3A دەرىجىلىك پورت رايونى قاتارىغا ئۆتتى. قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چەكسىز توغرا ئىكەنلىكىنى، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا باشتىن – ئاخىر مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ چەكسىز توغرا ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ مۇقىم بولسىلا تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. قۇرۇقلۇق پورتى رايونى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىخچام كارتىنىسىدۇر. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 1 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلدىن ئۆتكەنلىكىدىن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىنىڭ 100 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشقانلىقىدىن مۇقىملىقنىڭ ئىناق، مۇقىم شىنجاڭغا زور پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ غايەت زور جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئۇرغۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

  يەلكەن چىقىرىپ سەپەرگە ئاتلاندۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ يېڭى سەھىپىنى پۈتۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشى دەل يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش، يېڭى سەھىپە پۈتۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىدۇ، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، تۆمۈريول پورتى ۋە يىغىلىش مەركىزى قاتارلىق كۆپ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا كىرسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا تولىمۇ ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولىدۇ: تاموژنىدا ماللار تەكشۈرۈلۈۋاتقان، ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرى توختىماي قاتناۋاتقان، ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركەتلىرى تېزلىكتە زاكاز چۈشۈرۈۋاتقان، يېڭى كارخانىلار جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جاي تولىمۇ قىزىپ كەتكەنىدى.

  دەسلەپ ئىش باشلىغان بۇ ئۈچ يىلغا نەزەر سالساق، قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، قاتناش ۋاقتى تۇراقسىز بولۇش، قايتقاندا قۇرۇق قايتىپ كېلىش دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش خىزمىتىدىكى باشنى ئاغرىتىدىغان ئەڭ زور مەسىلە بولۇپ قالغانىدى. ما چۈنلېي مۇنداق دېدى: شەھەرلىك پارتكوم جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ‹‹ماللارنى يىغىش، كەسىپلەر رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش›› تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى پىلانلاپ قۇردى.

  بۇلتۇر جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىدىن 700ى قاتنىدى، بۇ يىل بۇ ساننى 1400دىن ئاشۇرۇش پىلانلاندى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شاۋخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىلىغا 1400 قېتىم قاتنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇتلەق ئىشەنچىمىز بار. بىز مۇنداق ئىككى ‹‹يېڭى تەدبىر››نى يولغا قويدۇق: بىرىنچىسى، يېڭى ۋەزىپىنى تەقسىملەپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئانالىزىغا تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا 800، ياۋروپاغا 400، رۇسىيەگە 200 نۆۋەتچى پويىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، جېڭجوۋ – شىنجاڭ – ياۋروپا، چۇڭچىڭ – شىنجاڭ – ياۋروپا، چېڭدۇ – شىنجاڭ – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ نۇقتىلىق قاتنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ تاشقى سودا ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرىمىز. ئىككىنچىسى، يېڭى چارىنى نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ‹‹يىغىپ قۇراشتۇرۇش، يىغىپ توشۇش›› نۆۋەتچى پويىزىنى مەملىكەت بويىچە ئالدىن سىناق قىلىپ، ئۈرۈمچى بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ برېستتا ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا يول بۆلىكىدە نۆۋەتچى پويىزغا يۈك تولۇقلاپ بېسىپ، قۇرۇق مېڭىش مەسىلىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىمىز. مۇشۇ تەدبىر ئارقىلىقلا يۈك نىسبىتىنى %10 ئاشۇرغىلى، تىجارەت تەننەرخىنى %10 تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.

  جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشى دەسلەپكى قەدەمدە قېلىپلىشىپ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، كەسىپلەرنىڭ جۇغلانما ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ھازىر قۇرۇقلۇق پورتى رايونىغا سودا ئەشيا ئوبوروتى، يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى پىششىقلاش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىقلارغا ئالاقىدار 40تىن ئارتۇق داڭلىق كارخانا ئورۇنلاشقان بولۇپ، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشتى؛ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى تەخمىنەن 7 مىليون دوللار بولۇپ، ئايلىق زاكاز مىقدارى بىلەن سودا سوممىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى بولدى.

  ما چۈنلېي مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت سىجىل ئىناق ۋە مۇقىم بولۇۋاتقان ياخشى مۇھىتتا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇۋاتقان مۇھىم پۇرسەتتە قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانماقتا. قۇرۇقلۇق پورتى رايونى مۇقىم پايدا ئالىدىغان ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى، شۇڭا بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سادىق ئەمەلىيەتچىلەردىن بولۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ