شىنجاڭ تورى خەۋىرى: «قوزام، غەيرەت قىل، سەن ئەڭ قالتىس، ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلگە كېلەيلا دېدىڭ» مۇسابىقە مەيدان سىرتىدا بىر ئانا قىزىغا مەدەت بېرىۋاتاتتى. مەيدان ئىچى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى بويىچە تىيانشان رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ياشلار يولى مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ياشلار يولى مەھەللە كومىتېتى ۋە ساغلاملىق يولى مەھەللە كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئائىلىۋى كۆڭۈل ئېچىش تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
پائالىيەتكە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، مەھەللە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار، شۇ رايوندىكى ئاھالىلەردىن بولۇپ، جەمئىي 200دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، كىنگۇرۇچە سەكرەش، پۇت باغلاپ مېڭىش، 25 مېتىرغا توپ ئېلىپ كۈچ ئۇلاش، تەپكۈچ تېپىش، ئارقان سەكرەش، ئارقان تارتىشىش قاتارلىق تۈرلۈك كەسكىن مۇسابىقە، قىزىقارلىق پائالىيەتلەر ئىچىدە قوشنىلار ئارا ھەمكارلىق، دوستلۇق يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئارىدىسىكى رىشتە چوڭقۇرلاشتى.
ئاھالە ئارزىگۈل ئابدۇللا ئوغلى مۇستافا قۇربان بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بالدۇر كېلىپ مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆردى. ئارزىگۈل مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە كومىتېتىنىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بەك ياخشى بولدى، قولۇم-خوشنىلار ئارا، بالىلار ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىز كۆپىيىپلا قالماي، يەنە خىزمەت ئەترىتى بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى يەنە ساغلاملىقىمىزغىمۇ پايدىلىق، مەن بەك خۇش بولدۇم».