تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

  ‹‹يېرىم دۇنيا››نىڭ يېڭى رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرايلى

 مۇخبىرىمىز جاۋ چۈنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بەييۈەن يولى كوچا باشقارمىسى تاڭشەن يولى مەھەللىسى ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن قولدا گۈل تىزىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىدا ھەر مىللەتتىن بولغان 20 ئاچا – سىڭىل بىلەن ماھارەت ئۆگىنىۋاتقان باھارگۈل مەمەتھوشۇر 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مۇنداق دېدى: ئاياللار بىرلەشمىسى ھەقىقەتەن بىزنىڭ سىردىشىمىز. مەن ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، قانداق قىلىپ پۇل تاپامەن، دەپ غەم يەپ يۈرگىنىمدە، ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى كادىرلار گۈل تىزىش ماھارىتىنى ھەقسىز ئۆگىتىپلا قالماي، مەھسۇلاتلىرىمىزنى سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بولدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2018 – يىلىنىڭ بېشىدا ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنى رايونلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. بۇ يىل 6 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 66 باشقۇرۇش كومىتېتى، 30 كوچا باشقارمىسى، 21 يېزا – بازار ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى تولۇق تاماملاپ، قەيەردە ئاياللار بولسا، شۇ يەردە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ شەھەر بويىچە 869 مەھەللە، 174 كەنتتىكى ئاياللار قۇرۇلتىيى (ئاياللار ۋەكىللىرى يىغىنى)نىڭ ھەممىسى ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسلىرى تولۇق سەپلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ، كۈچى تولۇقلىنىدۇ.

  بەييۈەن يولى كوچا باشقارمىسى تاڭشەن يولى مەھەللىسى ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ماۋ دۇڭليەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئاساسىي قاتلام ئاياللار مۇدىرى ھەمىشە خىزمەتلەرنى يالغۇز قانات يايدۇراتتى، ھازىر بىز 1 – قېتىملىق ئاياللار قۇرۇلتىيى ئېچىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى سايلاپ چىقتۇق، 13 ئىجرائىيە ھەيئەت بىلەن بىللە كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردۇق، قوشۇن كۈچلۈك سەپلەندى، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىۋاتىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىمچە، 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 19 باشقۇرۇش كومىتېتى، كوچا باشقارمىسى، يېزا – بازار بۇ ئىسلاھاتنى تاماملىغان؛ 366 مەھەللە، كەنتتىكى ئاياللار قۇرۇلتىيى ئاياللار بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىلگەن، 8020 يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ 5094ىدە، 1346 يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ 753ىدە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ھازىر ئاساسىي قاتلام تۇپرىقىدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىۋېتىپتۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئايگۈل ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتىنىڭ ‹‹قولى››نى ئۇزارتتى، ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئاياللارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە دىققەتنى تېخىمۇ كۆپ بايلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ھەر بىر ئايالنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ