تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلارنى يۆلەش

پوسكام ناھىيەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يولىنى داۋاملىق كېڭەيتتى

مۇخبىرىمىز خەن چىنيەن، پىراكتىكانت رادىف ئىمىن


     3-ئاينىڭ 28- كۈنى ئىسچىغ كەنتىدىكى ئادىل تۆمۈر كەنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى زور، مەن كەنتتە بىر ئۆمۈر ياشاپ، بۇنداق ياخشى ئۆيگە كۆچۈپ كىرەلىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.

     ئادىل تۆمۈر پوسكام ناھىيەسىنىڭ بويلۇق تاجىك يېزىسى ئىسچىغ كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن، رەتلىك سېلىنغان، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە يېقىندا كۆچۈپ كىرگەنىدى.

     پوسكام ناھىيەسىدە بۇلتۇر 2730 ئائىلىدىكى 10 مىڭ 57 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئون نامرات كەنت نامراتلىق بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.

    پوسكام ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە نامراتلارنى تايىنىۋېلىش ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغاپ، ساقلىماي، تايىنىۋالماي، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش يولىنى داۋاملىق كېڭەيتتى.

                       بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىش

    پوسكام ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيە بولۇپ، بۇ يىل ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلىماقچى. سەيلى يېزىسىنىڭ قوزىمال كەنتتىكى 244 ئائىلىدىكى 926 كىشىدىن 122 ئائىلىدىكى 537 كىشى نامرات ئاھالە بولۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %56.8 كە يېتىدۇ.

   نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قوزىمال كەنتىنىڭ قەتئىي ئورۇنلاشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى. پوسكام ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قوزىمال كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئاۋۋال نامرات ئاھالىلەرنى تايىنىۋېلىش ئىدىيەسىدىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، نامراتلارنى يۆلەش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغاپ، ئائىلە زىيارىتى قىلىش، ئېتىز بېشىدا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تەشۋىقات تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى.

   يۇقىرى دەرىجىلىك پارتكومنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە خىزمەت ئەترىتى بۇلتۇر كەنت ئاھالىسىنى 3.3 كىلومېتىر تاش ئۆستەڭ ياساشقا، 4.5 كىلومېتىر يولنى ئاسفالتلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ھەربىر ئائىلىگىچە سۇ يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. «ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچنى كاپالەتلەندۈرۈش»نى چۆرىدىگەن ئاساستا، ئىلمىي، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى تۈزۈپ، «گۇرۇپپىغىچە پىلانلاش، ئائىلىلەرگىچە يۆلەش، ئادەمگىچە مەسئۇل بولۇش» ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   ئارتۇق ئەمگەكچى بار 115 نامرات ئائىلىدىكى 189 كىشىنى ئېنىقلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «بىر ئائىلىدە بىر كىشى»نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانى بويىچە، كەنتتىكى «ھەمراھ زاۋۇت» قاتارلىق بايلىقلارنىڭ ياردىمىدە، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغان 74 ئائىلىدىكى 122 كىشىدىن ھازىر 101 ىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

   كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى خۇ گوجيې مۇنداق دېدى: تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىش ئارقىلىق 12 نامرات كىشى كورلىغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 54 كىشى يېقىن ئەتراپقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تۆت كىشى ئۆز كەنتىدە ئىگىلىك تىكلىدى. 29 پارتىيە ئەزاسى بىلەن 58 نامرات ئائىلە قوشماقلىشىپ، باغ- ئورمانچىلىق ۋە باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى.

    باغ- ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، «دەرسخانا+نەق مەيدان»، «مەركەزلىك+ھەرىكەتچان» قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق 65 نامرات ئاھالىنى باغ- ئورمانچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى، كەنتتىكى نامرات ئاھالىنى سەپەرۋەر قىلىپ، «2+1» ئەندىزىسىدە ياردەم قىلىش(ھەر بىر تېخنىك ئىككى نامرات ئاھالىگە ياردەم قىلىش)نى قانات يايدۇردى.

   تۆت مەدەنىيەت ھويلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىغا دائىر ھەرخىل گېزىت- ژۇرنال، كىتابلارنى سەپلەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە قولايلىق ياراتتى. ھازىر كەنتنىڭ ياڭاقلىق ئومۇمىي كۆلىمى 3000 مودىن ئېشىپ، ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلى تەخمىنەن %12 ئېشىپ، ياڭاق سۈپىتىمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

   تۈرلەرنى ياخشى قۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھازىرغىچە 96 ئائىلىگە ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغى، 103 ئائىلىگە باقمىچىلىق تولۇقلىما مەبلىغى، 118 ئائىلىگە يەم - خەشەك تەييارلاش ماشىنىسى تارقاتتى، نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن 590 نى تارقىتىپ، ھازىرغىچە بۇ قويلاردىن 298 تۆل ئېلىندى.

   ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىلگىرىكى نامرات كەنت ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئۆز مۇددىتىدە ئەمەلگە ئاشۇردى.

                  «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ»، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم قىلىش

   پوسكام ناھىيەسىنىڭ جىنخۇياڭ دورىگەرلىكىدە ئىشلەيدىغان پەزىمەت ھاپىز مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىغان بولسا، قىسقىغىنا ئالتە ئايدا ھەرگىزمۇ بۇنداق چىرايلىق ئۆيدە ئولتۇرالمايتتىم، بۇلتۇر 3- ئايدىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە 15 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالدىم.

   پەزىمەت ھاپىزنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۆزگىرىشنى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەيلى يېزىسىنىڭ گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ باشتىن- ئاخىر بوشاشماي، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يولىنى توغرا تېپىشى، «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ»، كۆپ مەنبەلىك يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

     گۈلباغ كەنتى پوسكام ناھىيەسى بويىچە ئون ئېغىر نامرات كەنتنىڭ بىرى بولۇپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى.

     پەزىمەت ھاپىز ئىلگىرى يەر تېرىپ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ ئىشلەش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا كارخانىدىن ئىش تېپىپ بەردى.

    پەزىمەت ھاپىز مۇنداق دېدى: جىنخۇياڭ دورىگەرلىكىگە ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان، تۇرمۇشىمىز كۈنسېرى ياخشىلاندى. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇلتۇر يېڭى سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردۇق.

   يۈسۈپ قادىر ئىلگىرى كەپشەرلەش دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، سودىسى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئۇنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ، كەپشەرلىك تېخنىكىسىنى تېخىمۇ پۇختا ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى. يۈسۈپ قادىر تەربىيەلىنىش ئارقىلىق كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى ياخشى ئىگىلىۋالدى، بۇنىڭ بىلەن كەپشەرلەش دۇكىنىنىڭ سودىسىمۇ كۈنسېرى ياخشىلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئايلىق كىرىمىم 4000 يۈەن ئۆپچۆرىسىدە بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ نامراتلىقتىن بالدۇر قۇتۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.

    نامرات ئاھالە خەيرىگۈل زىياۋدۇن 2016- يىلى ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش قويىدىن بەشنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ھازىر قويلىرىنى ئون نەچچىگە كۆپەيتتى، ئۇ قوي بېقىپلا قالماي يەنە توخۇ ۋە كەپتەر بېقىپ، كىرىمىنى يىلدىن- يىلغا كۆپەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئىلگىرى باقمىچىلىق تېخنىكام ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، تەربىيەلەش كۇرسى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن قويلىرىم ياخشى بېقىلىپ، كىرىمىممۇ خېلى كۆپەيدى.

    شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەيلى يېزىسىنىڭ گۈلباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى فەن داپىڭ مۇنداق دېدى: كەنتىمىز پوسكام ناھىيەسىدىكى ئون ئېغىر نامرات كەنتنىڭ بىرى بولۇپ، كەنتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىز گۈلباغ كەنتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەسسە قوشىمىز.

                      نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈش

    پوسكام ناھىيەسىدە ئىلگىرىكى نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرالىشىنى كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرىمۇ بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئوينىدى.

   ۋاڭ فۇگو پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزىسى ئۇلۇغئېرىق كەنتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۇ ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دېھقانلارنى بېيىتىشتا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

    پوسكام ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى باشتىن - ئاخىر ئەڭ مۇھىم ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارىدا تۇتتى. كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا قانۇن- نىزام، سىياسەت ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ بېيىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

    ئاتاۋۇللا ئابلىز مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئائىلە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، ئەمگىكىمىز ئارقىلىق نامراتلىق قالپىقىمىزنى ئېلىپ تاشلىدۇق.

   ئاتاۋۇللا ئابلىز سەيلى يېزىسىنىڭ ئۇلۇغئېرىق كەنتىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش جان 22 مو ياڭاقلىقتىن كىرگەن كىرىمگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. ئۇ گەرچە خېلى يىللاردىن بۇيان ياڭاق ئۆستۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ياڭاق ھوسۇلى ياخشى بولمايلا قالماي، ياڭاق دەرىخىمۇ باشقىلارنىڭكىدىن پاكار ئىدى، شۇڭا كىرىمىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇ كەنت پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ياردىمىدە باغ- ئورمانچىلىق، باقمىچىلىق كۇرسلىرىغا كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىلمىي پۇتاش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

     2016 - يىلى ئۇنىڭ ياڭاق ھوسۇلى بىر توننا بولغان بولسا، بۇلتۇر ياڭاق ھوسۇلى ئىككى توننىغا يېتىپ، كىرىمىمۇ ماس ھالدا ئاشتى. گەرچە بۇلتۇر ياڭاقنىڭ باھاسى 2016- يىلىغا سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنرەك بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ياڭاق سېتىشتىن 20 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىپ، كىرىمىنى ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشۇردى. لېكىن بىر ئائىلە كىشىلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ ئۈمىدىنى ياڭاققىلا باغلاپ قويمىدى. ئۇنىڭ خوتۇنى بۇلتۇر پاختا تېرىپ 3400 يۈەن كىرىم قىلدى؛ ئاتاۋۇللا ئابلىز دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال ۋاقىتلىرىدا باشقىلارغا تىراكتور بىلەن خىش توشۇپ بېرىپ، ئىككى ئايدا 15 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى. 2016- يىلى ئۇلار كەنتتىن تارقىتىپ بەرگەن بەش نامراتلارنى يۆلەش قويىنى 12 گە كۆپەيتتى...

    ئاتاۋۇللا ئابلىز مۇنداق دېدى: كەنت كومىتېتىدىكىلەر ماڭا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا سىياسەتتىن ئايرىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ مېنىڭ ئىشەنچىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى، كەلگۈسىدە تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ