بوغۇم ياللۇغى ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا روچېستېر داشۆسىنىڭ تىببىي مەركىزى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى، ماقالىدە پايدىلىق باكتېرىيە تولۇقلاپ بەرسە ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدىغانلىقى، بەلگىلىك دەرىجىدە بوغۇم ياللۇغى كېسەللىك ئەھۋالىنى يىنىكلەتكىلى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تەتقىقاتچىلار ھەر كۈنى تەجرىبە چاشقىنىغا ئىرىمچىك (پىشلاق)، ھامبۇرگ بولكىسى قاتارلىق يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈزگەن، 12 ھەپتىدىن كېيىن تەجرىبە چاشقىنى سېمىزلىك ۋە دېئابىت كېىسلىگە گىرىپتار بولغان ھەمدە تېنىدىكى ماينىڭ مىقدارى ساغلام چاشقاننىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. تەجرىبە چاشقىنىنىڭ بوغماق ئۈچىيىگە كۆپ مىقداردا ياللۇغنى پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيە يىغىلىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قوش ئاچىلىق باكتېرىيە تۈرىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەر ئاساسەن يوقاپ كەتكەن. تەجرىبە چاشقىنىنىڭ ئۈچەي يولىدىكى مكرو ئورگانىزم باكتېرىيە توپىنىڭ ئەھۋالى ناچارلاشقاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك ياللۇغ پەيدا بولغان ( يېتەكلەش خاراكتېرلىك تىز بوغۇمدىكى يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك يىرتىلغاندىن كېيىنكى بوغۇم ياللۇغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) . تەتقىقاتچىلار يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغان تەجرىبە چاشقىنىنىڭ بوغۇم ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ ئېغىرلىشىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولىدىغانلىقىنى، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكنىڭ يىرتىلىپ 12 ھەپتىدىن كېيىن ئاساسەن چىكىنگەنلىكىنى بايقىغان.