بۇنىڭدىن سىرت، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ سېتىۋالغاندا باشقا ئامېللارنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. جۇڭگو تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى زىننەتلىگەن ئۆيدىكى ھاۋا بولغۇنۇشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى فورمالدېھىد (甲醛)، بېنزول (苯)، TVOC قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنداق ئۆيگە ساپلاشتۇرۇش ھاۋا مىقدارى ۋە ساپلاشتۇرۇش ئېنېرگىيە ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئەگەر ئائىلىدە بىمارلار ۋە بالىلار بولسا، مىكروئورگانىزمنى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ھەمدە باكتېرىيەنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى سېتىۋېلىش كېرەك ئىكەن.
بىر مۇۋاپىق ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ سېتىۋېلىش ھەرگىزمۇ ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ئەجىرسىز ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، قانداق ئىشلىتىش ۋە قانداق ئاسراشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭغا قارىتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
بىرىنچى: ئەڭ مۇھىى سۈزۈش تورىنى ئالماشتۇرۇش. ئىستېمالچىلار ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئەگەر ۋاقىتىدا سۈزۈش تورىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرمىسا، ساپلاشتۇرۇش رولى بولمايلا قالماي، ئەكسىچە ئىككىلەمچى بۇلغىما مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىككىنچى: ئۇزۇن مەزگىل ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ئىشلەتكەندە كاربون (IV) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا ئېغىر تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش يەنىلا زۆرۈر.
ئۈچىنچى: بىر ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ بىلەنلا ھەربىر ئېغىز ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش ئىنتايىن قىيىن. ئەگەر شارائىت يار بەرسە ھەر بىر ئېغىز ئۆيگە بىردىن ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ئورناتسا ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.