شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ھويلىنىڭ يەر يۈزى قاتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ھويلا سىرتىغا خىش، سېمونت دۆۋىلەنگەن ئىدى، ھويلا تېمى قۇرۇلۇشىدىمۇ ناھايىتى ئىش باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى...
بۇ كۈنلەردە نىيە ناھىيەسى ئەندىر يېزىسى شايان كەنتىدىكى 32 ياشلىق روزىگۈل مەتتوختىنىڭ ئۆيىگە ئادەملەر كىرىپ-چىقىپ، ئالدىراش بىر مەنزىرە شەكىللەندۈردى.
قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە روزىگۈلنىڭ ئائىلىسىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولدى.
روزىگۈلنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دەي جۈنخۇڭ بولۇپ، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيان ئىككىسى ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاچا-سىڭىلدەك ئۆتتى.
روزىگۈل: «بىز بىر نەچچە قېرىنداش ئىچىدە پەقەت مەنلا قىز ئىدىم، ئەمدى ئاچاممۇ بار بولدى» دېدى.
ئىلگىرى قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا روزىگۈل بىلەن يەتتە ياشلىق قىزى ئىشكىنى تاقاپ بولاتتى. لېكىن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيان دەي جۈنخۇڭ كەنتكە كەلگەندە قانچىلىك كەچ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ ئۆينىڭ ئىشىكى ئوچۇق، چىرىغى يورۇق بولۇپ، ئانا-بالا ئىككىيلەن ئۇنى ساقلايتتى.
دەي جۈنخۇڭ روزىگۈلنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قېتىم كەلگەن ۋاقتىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى، كەنتنىڭ چېتىدىكى بۇ يالغۇز ئۆينىڭ ئەتراپى تۇتاش كەتكەن بۇغدايلىق بولۇپ، يەنە چېقىلىش ئالدىدا تۇرغان بىرقانچە ئېغىز قۇرۇق ئۆيلا بار ئىدى؛ ھويلىنىڭ ئىچىنى ھوشۇققىچە توپا بېسىپ كەتكەن ئىدى... بۇ قانداقمۇ ئۆيگە ئوخشىسۇن!
«بۇ يەر قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ياشاۋاتقان جاي، بۇ يەرنى تۈزەش كېرەك»، بۇ ئوي پەيدا بولغاندىن كېيىن دەي جۈنخۇڭ خىزمەتداشلىرىنى روزىگۈل ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىنى لايىھەلەش، تۈزەشكە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى خىزمەتداشلارنى روزىگۈلنىڭ قورۇ تېمىنى ئوڭشاش، يەر يۈزىنى قاتۇرۇشقا ياردەمگە چاقىردى، يەنە روزىگۈلنى خىزمەت تېپىشقا ئىلھاملاندۇردى.
سۆزگە ماھىر بولمىغان روزىگۈل ئاچىسى دەي جۈنخۇڭ بىلەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە بولغان رەھمىتىنى دائىم ھەرىكىتى ئارقىلىق بىلدۈرەتتى.
دەي جۈنخۇڭنىڭ تۇنجى قېتىم تۇغقان يوقلاپ قايتقان كۈنى ھېلىمۇ ئېسىدە ئىدى، ئۇ كۈنى كۈن تېخى يورۇپ بولالمىغاندا روزىگۈل ئىسسىق كۈمەچ قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەنت كومىتېتى ئالدىدا ئۇنى ئۇزىتىپ قويغان ئىدى. روزىگۈل سەھەر سائەت 4:00 تە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچىسىغا كۆڭۈل قويۇپ بۇلارنى تەييارلىغان ئىدى.
روزىگۈلنىڭ ئۆيىدە ئىككىلا مېكىيان بولۇپ، بۇلارنى قىزىغا قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈچۈن مەخسۇس باققان ئىدى. بىر قېتىم روزىگۈل جاھىللىق بىلەن بىر مېكىياننى سويۇپ دەي جۈنخۇڭنى مېھمان قىلماقچى بولدى. دەي جۈنخۇڭ ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، روزىگۈل يەنىلا دېگىنىنى قىلدى. روزىگۈلنىڭ سەمىمىيىتىدىن دەي جۈنخۇڭ قاتتىق تەسىرلەندى، تۇغقان يوقلاش ئاخىرلىشىپ قايتىش ئالدىدا ئۇ خىزمەتدىشى بىلەن تۆت دانە توخۇ سېتىۋېلىپ روزىگۈلگە قالدۇردى.
2017-يىلى يازدا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەت ئەترىتى شايان كەنتىگە كېلىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تەشۋىقات ئېلىپ باردى، ئارىلىقتا پەن-تېخنىكا يېتەكچىسى نىجات ئەنۋەرنىڭ ئاشقازان كېسىلى قوزغىلىپ قالدى، ئۇ قورسىقىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دەرسىنى سۆزلەپ تۈگەتتى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى روزىگۈلنىڭ قىزى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمگەن ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىپ، بىر سىقىم شېكەرنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ تۇرۇپ: «ئاكا بۇنى تېز يەۋېلىڭ، يېسىڭىز ئاغرىمايدۇ» دېدى.
كېيىن كۆپچىلىك بۇ قىزچاقنىڭ ئاغرىق ئازابى تارتىۋاتقان نىجاتنى داۋاملىق كۆزەتكەنلىكىنى بىلدى، كېسەل بولۇپ قالغاندا تاتلىق شېكەر يېسە ئانچە ئاغرىمايدىغانلىقى ئۇنىڭ ئېسىدە ئىدى. قىزچاق كېسەل بولۇپ قالغان تۇغقىنىغا شېكەر يېگۈزۈش ئۈچۈن پائالىيەت مەيدانىدىن بىر كىلومېتىردىن يىراقراق ئۆيىگە ئاپتاپقا قارىماي يۈگۈرۈپ بېرىپ كەلگەن ئىدى.