تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار] بىر جۈپ ياش ئەر-ئايالنىڭ گۈزەل كەسپى

  ئىلاۋە: «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»، «كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت»، «يېڭى دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدىكى سۆزىگە «كۈرەش» تىن ئىبارەت بۇ دەۋر باش تېمىسى مەركەزلەشكەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

   تورىمىز «بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار» تېمىسىدا چاتما خەۋەرلەر ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى جانلىق ھېكايىلىرى، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يېڭىچە قىياپىتى، يېڭىچە مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ھېكايىلىرىنى سۆزلەيمىز.

   ئۆز مۇخبىرىمىز ما شاۋبىن خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، ھاۋا سەل تۇتۇق بولۇپ، ئازراق توپا-چاڭ ئىدى. دۇكاندا خېرىدارلار ئاز بولۇپ، 24 ياشلىق نۇرئەلى تۇرسۇن بىلەن ئايالى باھارگۈل ھەسەن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئارام ئالدى.

  بۇ بىر جۈپ تىرىشچان ئەر-ئايالنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى پوسكام ناھىيەسى ئىككىسۇ يېزىسىنىڭ يېڭىبازىرى كەنتىدە ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش دۇكىنى ئاچقىنىغا 5 يىل بولاي دېگەن بولۇپ، دۇكاننىڭ يېقىشلىق بېزەكلىرى، پاكىز، ئىللىق شارائىتى، ساتىراشلىق، ھۆسىن تۈزەش ماھارىتىنىڭ ئۈستۈنلۈكى سەۋەبىدىن دۇكاننىڭ سودىسى شۇنچىلىك ياخشى ئىدى.

  مۇشۇ دۇكان ئارقىلىق ئەر-ئايال ئىككىيلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىغان ۋە كەنتتىكى ياشلارنى ماھارەت ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى.

  ماھارەت ئىگىلەپ، دۇكان ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش

  نۇرئەلى ۋە ئايالى باھارگۈل ئىككىسۇ يېزىسى يېڭىبازار كەنتىنىڭ دېھقانلىرى بولۇپ، ئىككىيلەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ يۇرتىدىن ئايرىلغان ئىدى. 2012-يىلى نۇرئەلى قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ساتىراشخانىدا شاگىرت بولغان، باھارگۈل پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر ھۆسىن تۈزەش دۇكىنىدا شاگىرت بولغان ئىدى.

  نۇرئەلى ئىشچان، تىرىشچان يىگىت بولۇپ، دۇكاننىڭ تازىلىقىنى قىلىشتىن تارتىپ خېرىدارلارنىڭ بېشىنى يۇيۇشقىچە بولغان ئۇششاق ئىشلارنىمۇ تالىشىپ قىلاتتى، ئۇ ھەر كۈنى دۇكانغا بالدۇرلار كېلىپ دۇكان تازىلىقىنى ياخشى قىلاتتى.

  خېلى ئۇزۇن بىر ۋاقىتقىچە ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ، ساتىراشلىقنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇپ، ئۇلارغا پەقەت ماھارەت ئۆگىنىۋاتقانلىقىنىلا ئېيتقانىدى.

  «ساتىراشخانىنىڭ خىزمەتلىرى گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ماھارەتنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا ئاندىن پۇل تاپقىلى بولىدۇ، شەھەردە پۇرسەت كۆپ، جاپا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا چوقۇم خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ» دېدى نۇرئەلى.

  شاگىرت بولغان شۇ كۈنلەردە نۇرئەلى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھۆسىن تۈزەش، ساتىراشلىق كەسپىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

  نۇرئەلى ئۇستازىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگەندى، بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۇ چاچ كېسىش، بوياش، بۈدرە قىلىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ يېتىشىپ چىقتى.

  ماھارەت ئىگىلىگەندىن كېيىن نۇرئەلىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

  ئۇ يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىغا ساتىراشخانا ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئېيتتى، شۇندىلا ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ قەشقەردە بىر يېرىم يىل قايسى خىل ماھارەتنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدى.

  ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ يۈرۈپ، نۇرئەلىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاخىرى بانكىدىن 20 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ دۇكان ئېچىشقا ماقۇل بولدى.

  ئۇ چاغدا باھارگۈلمۇ كەسپتە خېلى يېتىشىپ قالغانىدى، شۇنىڭ بىلەن نۇرئەلى باھارگۈلگە يۇرتىغا قايتىپ، «گۈزەللىك كەسپى» گە تەڭ قەدەم قويۇش تەكلىپىنى بەردى.

  2014-يىلى 30 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان بۇ ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش دۇكىنى پوسكام ناھىيەسى ئىككىسۇ يېزىسىنىڭ يېڭىبازار كەنتىدە ئېچىلدى، نۇرئەلىنىڭ ئىلغار ماھارىتى، باھارگۈلنىڭ قىزغىن مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى بىلەن دۇكاننىڭ سودىسى ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

  شۇ يىلى ئىككىيلەن تۇرمۇش قۇردى ۋە بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا بانكا قەرزىنىمۇ قايتۇرۇپ بولدى.

  كېيىنكى ئىككى يىلدا ئەر-ئايال ئۆزلىرىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالماي، يەنە ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىلىرىنىمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

  تېخىمۇ كۆپ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ماھارەت ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش

  ئۈلگىنىڭ رولى كۈچلۈك بولىدۇ، نۇرئەلى ئەر-ئايالنىڭ ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش دۇكىنى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يېڭىبازار كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن ئىلھاملاندى.

  بېيىش يولىغا قەدەم قويغان نۇرئەلى كەنتتىكى ياشلارنى دۇكىنىغا بېرىپ ماھارەت ئىگىلىشىگە دەۋەت قىلدى.

  18 ياشلىق تىللانىسا سەمەت بۇلتۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆيىدە بىكار يۈرگەنىدى، نۇرئەلى ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، تىللانىسانى دۇكىنىغا بېرىپ ماھارەت ئىگىلەشكە دەۋەت قىلدى. نۇرئەلى تىللانىساغا: «تىرىشقان ئۇزار، تىرىشمىغان توزار دەيدىغان گەپ بار، تىرىشىش ئارقىلىقلا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ» دېدى.

  نۇرئەلىنىڭ دۇكىنىدا شاگىرت بولۇۋاتقان تىللانىسا ھازىر خېرىدارلارنىڭ چېچىنى مۇستەقىل كېسەلەيدىغان بولدى ۋە ھەر ئايدا 1500 يۈەن مائاشمۇ ئالالايدىغان بولدى.

  «نۇرئەلى ئاكامنىڭ ھەيدەكچىلىكىدە مەن ساتىراشلىق كەسپىنى ياخشى ئىگىلىدىم، نەزەر دائىرەمنى ئاچتىم، ئەڭ مۇھىمى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى» دېدى تىللانىسا.

  نۆۋەتتە، نۇرئەلى ئەر-ئايالنىڭ دۇكىنىدا تۆت شاگىرت بولۇپ، ئارىدىكى ئىككىيلەن ھەر ئايدا 1500 يۈەن مائاش ئالىدۇ.

  «كىشىلەر بارغانسېرى گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان بولۇپ كەتتى، ھۆسىن تۈزەش، چاچ ياساش كەسپىمۇ گۈزەللىكنى قوغلىشىدىغان كەسىپ، بۇ كەسىپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى بەك زور، يۇرتۇمدىكى ياشلارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، بىرەر ماھارەت ئىگىلەپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ياخشى كۈن كۆرسىكەن دەيمەن» دېدى نۇرئەلى.

  باھارگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ يىلقى پىلانى دۇكان كۆلىمىنى تېخىمۇ زورايتىپ، يەنە بىر نەچچە شاگىرت قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارغا ماھارەت ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىگە بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇش ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ