تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

(2017 – يىل 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
64 – نومۇرلۇق


    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2017 – يىل 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.


    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ


               2017 – يىل 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

     12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:
    9- ماددا:  ‹‹كارخانىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىئانە – ھەدىيە چىقىمىدىن  يىللىق ئومۇمىي پايدا سوممىسىنىڭ %12 ئىچىدىكى قىسمىنى باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ يىللىق ئومۇمىي پايدا سوممىسىنىڭ %12 تىن ئاشقان قىسمىنى ھېسابات ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ››. دەپ تۈزىتىلدى.
    بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى›› بۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى


    (2007 – يىل 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2017  –  يىل 2  –  ئاينىڭ 24  –  كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26  –  يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە


1 – باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ
2 – باب  باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى
3 – باب  تاپشۇرۇلىدىغان باج سوممىسى
4 – باب  باجدا ئېتىبار بېرىش
5 – باب  مەنبەسىدىن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇش
6 – باب  ئالاھىدە تاپشۇرۇلىدىغان باجنى تەڭشەش
7 – باب  ئېلىش – باشقۇرۇش
8 – باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ


1 – باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ


1 – ماددا  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە كارخانا ۋە كىرىم قىلىدىغان باشقا تەشكىلاتلار (تۆۋەندە كارخانا دېيىلىدۇ) كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغۇچى بولىدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ.
شېرىكسىز كارخانا، ھەمشېرىك كارخانىلارغا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.
2 – ماددا  كارخانا تەۋەلىكتىكى كارخانا ۋە تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانا دەپ ئايرىلىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تەۋەلىكتىكى كارخانا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ياكى چەت ئەل (رايون) قانۇنى بويىچە قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمەلىي باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە بولغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانا چەت ئەل (رايون) قانۇنى بويىچە قۇرۇلغان ھەمدە ئەمەلىي باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە بولمىغان، لېكىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئاپپاراتى، سورۇنى بولغان ياكى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئاپپاراتى، سورۇنى بولمىسىمۇ، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تاپاۋەت قىلىدىغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.
3 – ماددا  تەۋەلىكتىكى كارخانىلار جۇڭگو چېگراسى ئىچى – سىرتىدىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.
تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلاردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئاپپاراتى، سورۇنى بولغانلىرى شۇ ئاپپارات، سورۇننىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن شۇنىڭدەك جۇڭگو چېگراسى سىرتىدا قىلىنغان بولسىمۇ، شۇ ئاپپاراتى، سورۇنى بىلەن ئەمەلىي باغلىنىشى بولغان تاپاۋىتى ئۈچۈن كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.
تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلاردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئاپپاراتى، سورۇنى بولمىغان ياكى ئاپپاراتى، سورۇنى بولسىمۇ، قىلغان تاپاۋىتىنىڭ شۇ ئاپپارات، سورۇن بىلەن ئەمەلىي باغلىنىشى بولمىغانلىرى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.
4 – ماددا  كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ نىسبىتى %25 بولىدۇ.
تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتىنىڭ باج نىسبىتى %20 بولىدۇ.


2 – باب  باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى


5 – ماددا  كارخانىنىڭ ھەر بىر باج تاپشۇرۇش يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىم سوممىسىدىن باج ئېلىنمايدىغان كىرىمى، باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كىرىمى، چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈرلەر شۇنىڭدەك تولدۇرۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئالدىنقى يىللىق زىيان چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇق كارخانىنىڭ باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسى بولىدۇ.
6 – ماددا  كارخانىنىڭ تۈرلۈك مەنبەدىن ئېرىشكەن پۇل كىرىمى ۋە باشقا نەرسە كىرىمى ئومۇمىي كىرىم سوممىسى بولىدۇ. بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) مال سېتىش كىرىمى؛
(2) ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى؛
(3) مال – مۈلۈك ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمى؛
(4) پاي ئۆسۈمى، پايدا قاتارلىق ھوقۇق – مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما كىرىمى؛
(5) ئۆسۈم كىرىمى؛
(6) ئىجارە كىرىمى؛
(7) ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى كىرىمى؛
(8) ئىئانە – ھەدىيە كىرىمى؛
(9) باشقا كىرىملەر.
7 – ماددا  كىرىم  ئومۇمىي سوممىسىدىكى تۆۋەندىكى كىرىملەردىن باج ئېلىنمايدۇ:
(1) مالىيەدىن ئاجرىتىپ بېرىلگەن پۇل؛
(2) قانۇن بويىچە ئېلىنىدىغان ھەمدە مالىيە باشقۇرىدىغان مەمۇرىي – كەسپىي ھەق، ھۆكۈمەت فوندى؛
(3) گوۋۇيۈەن باج ئېلىنمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن باشقا كىرىملەر.
8 – ماددا  كارخانىنىڭ ئەمەلىي قىلغان كىرىمىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئەقىلگە سىغىدىغان چىقىمى، جۈملىدىن تەننەرخ، خىراجەت، باج، زىيان ۋە باشقا چىقىمنى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
9 – ماددا  كارخانىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئىئانە – ھەدىيە چىقىمىدىن يىللىق ئومۇمىي پايدا سوممىسىنىڭ %12 ئىچىدىكى قىسمىنى باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ يىللىق ئومۇمىي پايدا سوممىسىنىڭ %12تىن ئاشقان قىسمىنى ھېسابات ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئىچىدە باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
10 – ماددا  باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، تۆۋەندىكى چىقىملارنى چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ:
(1) مەبلەغ سالغۇچىلارغا بەرگەن پاي ئۆسۈمى، پايدا قاتارلىق ھوقۇق – مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما كىرىمى؛
(2) كارخانا تاپاۋەت بېجى پۇلى؛
(3) باج كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى؛
(4) ئىشتىراپ، جەرىمانە قويۇلغان ۋە مۇسادىرە قىلىنغان  پۇل – مال زىيىنى؛
(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 9 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە كىرگۈزۈلمىگەن ئىئانە – ھەدىيە چىقىمى؛
(6) ياردەم چىقىمى؛
(7) بېكىتىلمىگەن تەييارلىق فوند چىقىمى؛
(8) كىرىم بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا چىقىملار.
11 – ماددا  باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىغان كارخانىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك ئامورتىزاتسىيەسىنى چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى تۇراقلىق مۈلۈكلەرنى ئامورتىزاتسىيە قىلىپ چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ:
(1) ئۆي – ئىمارەتتىن باشقا ئىشلىتىلمىگەن تۇراقلىق مۈلۈك؛
(2) تىجارەتلىك ئىجارە شەكلى بىلەن ئىجارە ئېلىنغان تۇراقلىق مۈلۈك؛
(3) مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىسى شەكلى بىلەن ئىجارە بېرىلگەن تۇراقلىق مۈلۈك؛
(4) ئامورتىزاتسىيە ھەققى تولۇق ئېلىنىپ بولۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلىۋاتقان تۇراقلىق مۈلۈك؛
(5) تىجارەتكە مۇناسىۋەتسىز تۇراقلىق مۈلۈك؛
(6) ئايرىم باھا قويۇپ تۇراقلىق مۈلۈك قاتارىدا ھېسابقا كىرگۈزۈلگەن يەر؛
(7) ئامورتىزاتسىيە قىلىپ چىقىرىۋېتىشكە بولمايدىغان باشقا تۇراقلىق مۈلۈك.
12 – ماددا  باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، كارخانا بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىغان شەكىلسىز مۈلۈكتە چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش ھەققىنى چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى شەكىلسىز مۈلۈكتە چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش ھەققىنى چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ:
(1) ئۆز ئالدىغا ياراتقان شەكىلسىز مۈلۈكتىن چىقىمى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىلگەنلىرى؛
(2) ئۆزى تىكلىگەن سودا ئىناۋىتى؛
(3) تىجارەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز شەكىلسىز مۈلۈك؛
(4) چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش ھەققى دەپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىشكە بولمايدىغان باشقا شەكىلسىز مۈلۈك.
13 – ماددا  باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، كارخانىنىڭ تۆۋەندىكى چىقىملىرىنى ئۇزاق مۇددەتلىك چېچىلىدىغان ھەق قاتارىدا بەلگىلىمە بويىچە چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋەتكىلى بولسا، چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ:
(1) ئامورتىزاتسىيە ھەققى تولۇق ئېلىنغان تۇراقلىق مۈلۈكنى ئۆزگەرتىش چىقىمى؛
(2) ئىجارە ئېلىنغان تۇراقلىق مۈلۈكنى ئۆزگەرتىش چىقىمى؛
(3) تۇراقلىق مۈلۈك چوڭ رېمونت چىقىمى؛
(4) ئۇزاق مۇددەتلىك چېچىلىدىغان ھەق ھېسابلانغان باشقا چىقىملار.
14 – ماددا  كارخانا سىرتقا مەبلەغ سالغان مەزگىلدە، سېلىنما مۈلۈكنىڭ تەننەرخىنى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.
15 – ماددا  كارخانا زاپاس مالنى ئىشلىتىش ياكى سېتىشتا، بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلانغان زاپاس مال تەننەرخىنى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
16 – ماددا  كارخانا مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، شۇ مۈلۈكنىڭ ساپ قىممىتىنى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.
17 – ماددا  كارخانا ئۆزىنىڭ تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ تاپشۇرۇشتا، ئۆزىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى تىجارەت ئاپپاراتىنىڭ پايدىسىنى چېگرا سىرتىدىكى تىجارەت ئاپپاراتىنىڭ زىيىنىغا توغرىلاپ كېمەيتىۋەتسە بولمايدۇ.
18 – ماددا  كارخانىنىڭ باج تاپشۇرۇش يىلىدا تارتقان زىيىنىنى كېيىنكى يىللىق ھېسابقا ئاغدۇرۇپ، كېيىنكى يىللىق تاپاۋىتىدىن تولۇقلاشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن، ھېسابقا ئاغدۇرۇش يىل چېكى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 5 يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.
19 – ماددا  تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتى ئۈچۈن باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ:
(1) پاي ئۆسۈمى، پايدىغا ئوخشاش ھوقۇق – مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما كىرىمى ۋە ئۆسۈم، ئىجارە ھەققى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى تاپاۋىتى قاتارلىقلار ئومۇمىي كىرىم سوممىسى سۈپىتىدە باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى قىلىنىدۇ؛
(2) مال – مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتىنىڭ ئومۇمىي كىرىم سوممىسىدىن مال – مۈلۈك ساپ قىممىتى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇقى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى قىلىنىدۇ؛
(3) باشقا تاپاۋەتلەرنىڭ باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى ئالدىنقى 2 تارماقچىدا بەلگىلەنگەن ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ھېسابلىنىدۇ.
20 – ماددا  مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن كىرىم، كونكرېت چىقىرىۋېتىش دائىرىسى، ئۆلچىمىنى ۋە مۈلۈكنى باج ئىشلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
21 – ماددا  باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، كارخانىنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى بىلەن باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلاش كېرەك.


3 – باب  تاپشۇرۇلىدىغان باج سوممىسى


22 – ماددا  كارخانىنىڭ باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى باج نىسبىتىگە كۆپەيتىپ، ئۇنىڭدىن مۇشۇ قانۇندىكى باجدا ئېتىبار بېرىشكە دائىر بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىلىدىغان – كەچۈرۈم قىلىنىدىغان باج سوممىسى ۋە توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان باج سوممىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى  قالدۇق تاپشۇرۇلىدىغان باج سوممىسى بولىدۇ.
23 – ماددا  كارخانىنىڭ تۆۋەندىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن چېگرا سىرتىدا تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجى سوممىسى شۇ مەزگىلدە تاپشۇرۇلىدىغان باج سوممىسىدىن توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، شۇ تاپاۋىتى ئۈچۈن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلانغان باج تاپشۇرۇلىدىغان سومما توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان سومما چېكى بولىدۇ؛ توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە ھەر يىلى توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان چەك بويىچە شۇ يىلى توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىشقا تېگىشلىك باج سوممىسىنى توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلغاندىن كېيىنكى قالدۇق بىلەن تولۇقلاشقا بولىدۇ:
(1) تەۋەلىكتىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى سىرتىدا قىلغان باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋىتى؛
(2) تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى ئاپپاراتى، سورۇنىنىڭ جۇڭگو چېگراسى سىرتىدا قىلغان شۇ ئاپپارات، سورۇن بىلەن ئەمەلىي باغلىنىشلىق باج تاپشۇرىدىغان تاپاۋىتى.
24 – ماددا  تەۋەلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك كونترول قىلىدىغان چەت ئەل كارخانىلىرىدىن ئالغان جۇڭگو چېگراسى سىرتىدىن كەلگەن پاي ئۆسۈمى، پايدا قاتارلىق ھوقۇق – مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما كىرىمى ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ چېگرا سىرتىدا  ئەمەلىي تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجى سوممىسىدىن شۇ تۈردىكى تاپاۋەتتە ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمى تەۋەلىكتىكى شۇ كارخانىنىڭ توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغان چېگرا سىرتىدىكى تاپاۋەت بېجى سوممىسى قىلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 23 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىش چېكى ئىچىدە توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ.


4 – باب  باجدا ئېتىبار بېرىش


25 – ماددا  دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان، تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپ ۋە تۈرلەرگە كارخانا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىدۇ.
26 – ماددا  كارخانىلارنىڭ تۆۋەندىكى كىرىمىدە باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ:
(1) زايوم ئۆسۈمى كىرىمى؛
(2) شەرتكە ئۇيغۇن تەۋەلىكتىكى كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى پاي ئۆسۈمى، پايدا قاتارلىق ھوقۇق – مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما كىرىمى؛
(3) جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئاپپاراتى، سورۇنى بولغان تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلار تەۋەلىكتىكى كارخانىلاردىن قىلغان، شۇ ئاپپارات، سورۇن بىلەن ئەمەلىي باغلىنىشى بولغان پاي ئۆسۈمى، پايدا قاتارلىق ھوقۇق – مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما كىرىمى؛
(4) شەرتكە توشىدىغان، پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ كىرىمى.
27 – ماددا  كارخانىنىڭ تۆۋەندىكى تاپاۋەتلىرىدە كارخانا تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنسا، كېمەيتىپ ئېلىنسا بولىدۇ:
(1) دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىقتىن قىلغان تاپاۋىتى؛
(2) دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىپ قىلغان تاپاۋىتى؛
(3) شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە – سۇ تېجەش تۈرلىرىدىن قىلغان تاپاۋىتى؛
(4) كارخانىنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىپ قىلغان تاپاۋىتى؛
(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن تاپاۋەت.
28 – ماددا  شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئاز پايدا ئالىدىغان كىچىك كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان تاپاۋەت بېجى %20كە چۈشۈرۈپ ئېلىنىدۇ.
دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان تاپاۋەت بېجى %15كە چۈشۈرۈپ ئېلىنىدۇ.
29 – ماددا  مىللىي ئاپتونوم جايلارنىڭ ئاپتونوم ئورگانلىرى شۇ مىللىي ئاپتونوم جايدىكى كارخانىلار تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت بېجىدىن يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيەلەردىن باجنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلىدىغانلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىشى شەرت.
30 – ماددا  كارخانىلارنىڭ تۆۋەندىكى چىقىملىرى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ:
(1) يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى ھۈنەر يارىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان تەتقىقات، يارىتىش خىراجىتى؛
(2) ئورۇنلاشتۇرغان مېيىپلەرنىڭ مائاشى شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ مائاشى.
31 – ماددا  ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلار دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ۋە ئىلھام بېرىدىغان ئىشلارغا ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى سالسا، باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسى سېلىنما سوممىغا قاراپ مەلۇم نىسبەت بويىچە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ.
32 – ماددا  كارخانىنىڭ تۇراقلىق مۈلكىنىڭ ئامورتىزاتسىيەسىنى تېخنىكا تەرەققىياتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تېزلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئامورتىزاتسىيە يىل چېكىنى قىسقارتىشقا ياكى ئامورتىزاتسىيەسىنى تېزلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.
33 – ماددا  كارخانىنىڭ بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ قىلغان كىرىمىنى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا كېمەيتىپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.
34 – ماددا  كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە ۋە سۇ تېجەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشقا چىقىم قىلغان مەبلەغ سوممىسىدىن ئېلىنىدىغان باجنى مەلۇم نىسبەت بويىچە توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ.
35 – ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باجدا ئېتىبار بېرىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
36 – ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ياكى تاسادىپىي ۋەقە قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كارخانىنىڭ تىجارىتىگە زور تەسىر يەتكەندە، گوۋۇيۈەن كارخانا تاپاۋەت بېجىدا مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى چىقىرىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.


5 – باب مەنبەسىدىن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇش


37 – ماددا  تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانا مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتىدىن تاپشۇرىدىغان تاپاۋەت بېجى مەنبەسىدىن تۇتۇپ قېلىپ تاپشۇرۇلىدۇ، چىقىم قىلغۇچى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى بولىدۇ. باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ھەر قېتىم چىقىم قىلغاندا ياكى مۇددىتى توشۇپ چىقىم قىلغاندا، چىقىم قىلىدىغان پۇلدىن تۇتۇپ تاپشۇرىدۇ.

 38 – ماددا  تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئېرىشكەن قۇرۇلۇشتىن قىلغان تاپاۋىتى ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت تاپاۋىتىدىن تاپاۋەت بېجى ئېلىشتا، باج ئورگىنى قۇرۇلۇش پۇلى ياكى ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى بەرگۈچىنى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى قىلىپ بېكىتسە بولىدۇ.
39 – ماددا  مۇشۇ قانۇننىڭ 37 – ۋە 38 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تۇتۇپ تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت بېجىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تاپشۇرمىغان ياكى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغاندا، باج تاپشۇرغۇچى تاپاۋەت قىلغان جايدا تاپشۇرۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى باج تاپشۇرۇشتا قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان بولسا، باج ئورگىنى شۇ باج تاپشۇرغۇچىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى باشقىلار بېرىدىغان باشقا كىرىمىدىن بېرىدىغان پۇلدىن شۇ باج تاپشۇرغۇچى تاپشۇرىدىغان باج پۇلىنى تاپشۇرغۇزسا بولىدۇ.
40 – ماددا  باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى ھەر قېتىم  ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالغان باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە خەزىنىگە تاپشۇرۇشى ھەمدە تۇرۇشلۇق جايدىكى باج ئورگىنىغا كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللىشى كېرەك.


6 – باب  ئالاھىدە تاپشۇرۇلىدىغان باجنى تەڭشەش


41 – ماددا  كارخانىنىڭ ئۆزىگە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن قىلغان كەسپىي ئالاقىسى مۇستەقىل سودا قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەي، كارخانىنىڭ ياكى ئۆزىگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ باج تاپشۇرۇلىدىغان كىرىمى ياكى تاپاۋەت سوممىسى ئازىيىپ كەتكەن بولسا، باج ئورگىنى ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق.
كارخانا ئۆزىگە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن شەكىلسىز مۈلۈكنى ئورتاق يارىتىش، ئورتاق ئۆتۈنۈپ بېرىش جەريانىدا كېلىپ چىققان ياكى ئورتاق ئەمگەك مۇلازىمىتى قىلىش، قوبۇل قىلىش جەريانىدا كېلىپ چىققان تەننەرخنى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، مۇستەقىل سودا قىلىش پىرىنسىپى بويىچە چېچىش كېرەك.
42 – ماددا  كارخانا ئۆزىگە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن كەسپىي ئالاقە قىلغاندا قوللانماقچى بولغان باھا بېكىتىش پىرىنسىپى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىنى باج ئورگىنىغا يوللىسا بولىدۇ، باج ئورگىنى كارخانا بىلەن كېڭەشكەن، بېكىتكەندىن كېيىن، كېلىشىپ باھا بېكىتىشنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.
43 – ماددا  كارخانا باج ئورگىنىغا يىللىق تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللىغاندا، ئۆزىگە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بولغان كەسپىي ئالاقە ھەققىدىكى يىللىق مەلۇمات جەدۋىلىنىمۇ يوللىشى كېرەك.
باج ئورگىنى ئالاقىدار كەسىپلەرنى تەكشۈرگەندە، كارخانا ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تەرەپلەر، شۇنىڭدەك تەكشۈرۈلۈۋاتقان ئالاقىدار كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.
44 – ماددا  كارخانىلاردىن ئۆزىگە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن قىلغان كەسپىي ئالاقىسى توغرىسىدىكى ماتېرىيالنى بەرمىگەن ياكى ساختا، تولۇق بولمىغان ماتېرىياللارنى بەرگەن، ئۆزىگە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن قىلغان كەسپىي ئالاقىسى توغرىسىدىكى ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلمىغانلىرىنىڭ باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى باج ئورگىنى قانۇن بويىچە بېكىتىشكە ھوقۇقلۇق.
45 – ماددا  تەۋەلىكتىكى كارخانا ياكى تەۋەلىكتىكى كارخانا بىلەن جۇڭگو ئاھالىسى كونترول قىلغان، ئەمەلىي باج سېلىقى مۇشۇ قانۇننىڭ 4 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدا بەلگىلەنگەن باج نىسبىتى سەۋىيەسىدىن روشەن تۆۋەن بولغان دۆلەت (رايون)تە قۇرغان كارخانىلار مۇۋاپىق تىجارەت ئېھتىياجى بولغان ئەھۋالدا، پايدىنى تەقسىم قىلمىغان ياكى تەقسىم قىلغان بولسا، يۇقىرىقى پايدىنىڭ شۇ تەۋەلىكتىكى كارخانىغا تەئەللۇق قىسمىنى شۇ تەۋەلىكتىكى كارخانىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى كىرىمىگە كىرگۈزۈش كېرەك.
46 – ماددا  كارخانا ئۆزىگە ئالاقىدار تەرەپلەردىن قوبۇل قىلغان ھەقدارلىق مەبلىغى بىلەن ھوقۇق – مەنپەئەت مەبلىغىنىڭ نىسبىتى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان ئۆسۈم چىقىمىنى باج تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.
47 – ماددا  كارخانا مۇۋاپىق سودا مەقسىتىدە بولمىغان باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قىلىپ، باج تاپشۇرۇلىدىغان كىرىمىنى ياكى تاپاۋەت سوممىسىنى ئازايتىۋەتكەن بولسا، باج ئورگىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق.
48 – ماددا  باج ئورگىنى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تاپشۇرىدىغان باجنى تەڭشىگەنلىكتىن، باجنى تولۇقلاپ ئېلىشقا توغرا كەلسە، تولۇقلاپ ئېلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆسۈمىنى قوشۇپ ئېلىشى كېرەك.


7 – باب  ئېلىش – باشقۇرۇش


49 – ماددا  كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئېلىش – باشقۇرۇش مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باج ئېلىش – باشقۇرۇش قانۇنى››دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
50 – ماددا  باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تەۋەلىكتىكى كارخانا رويخەتكە ئالدۇرغان جايدا باج تاپشۇرىدۇ، لېكىن رويخەتكە ئالدۇرغان جاي چېگرا سىرتىدا بولسا، ئەمەلىي باشقۇرغۇچى ئاپپارات تۇرۇشلۇق جايدا باج تاپشۇرىدۇ.
تەۋەلىكتىكى كارخانىلاردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بولمىغان تىجارەت ئاپپاراتى بولغانلىرى كارخانا تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلىشى ھەمدە تاپشۇرۇشى كېرەك.
51 – ماددا  تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتى ئۈچۈن ئاپپاراتى، سورۇنى بار جايدا باج تاپشۇرىدۇ. تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلاردىن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئاپپاراتى، سورۇنى بولغانلىرى كارخانا باج ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن، تاپاۋەت بېجىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتى، سورۇنىنىڭ جەملەپ تاپشۇرۇشىنى تاللىسا بولىدۇ.
تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 3 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېرىشكەن تاپاۋىتى ئۈچۈن باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا باج تاپشۇرىدۇ.
52 – ماددا  گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كارخانىلار كارخانا تاپاۋەت بېجىنى بىرلىشىپ تاپشۇرسا بولمايدۇ.
53 – ماددا  كارخانا تاپاۋەت بېجى باج تاپشۇرۇش يىلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. باج تاپشۇرۇش يىلى مىلادى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە بولىدۇ.
كارخانا تىجارىتى باج تاپشۇرۇش يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلىنىپ ياكى ئاخىرلىشىپ، شۇ باج تاپشۇرۇش يىلىدىكى ئەمەلىي تىجارەت مۇددىتى 12 ئايغا يەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭ  ئەمەلىي تىجارەت مەزگىلىنى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى قىلىپ ھېسابلاش كېرەك.
كارخانا قانۇن بويىچە ھېسابات ئېنىقلىغاندا، ھېسابات ئېنىقلاش مەزگىلىنى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى قىلىپ ھېسابلىشى كېرەك.
54 – ماددا  كارخانا تاپاۋەت بېجى ئاي ياكى پەسىل بويىچە ئالدىن تاپشۇرۇلىدۇ.
كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى باج ئورگىنىغا ھەر ئاي ياكى پەسىل ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە يوللاپ، باج پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇشى كېرەك.
كارخانا يىللىق تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى باج ئورگىنىغا يىل ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 5 ئاي ئىچىدە يوللىشى ھەمدە ھېساب – كىتاب قىلىپ، تاپشۇرىدىغان ۋە قايتۇرىدىغان باج ھېسابىنى ئۈزۈشى كېرەك.
كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى يوللىغاندا، بەلگىلىمە بويىچە مالىيە – بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنىمۇ يوللىشى كېرەك.
55 – ماددا  كارخانىلاردىن تىجارەتنى يىل ئوتتۇرىسىدا ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىرى تىجارىتىنى ئەمەلىي ئاخىرلاشتۇرغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە باج ئورگىنىغا بېرىپ، كارخانىنىڭ شۇ مەزگىللىك تاپاۋەت بېجىنى ھېساب – كىتاب قىلىشى كېرەك.
كارخانا رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ تاپاۋىتىنى راسچوت قىلىپ، باج ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.
56 – ماددا  مۇشۇ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇلىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجى خەلق پۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. تاپاۋىتى خەلق پۇلىدىن باشقا پۇل بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولسا، باج خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە تاپشۇرۇلىدۇ.


8 – باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ


57 – ماددا  مۇشۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى تەستىق بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلاردىن شۇ چاغدىكى باجغا دائىر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەن باج نىسبىتى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغانلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باج نىسبىتىگە تەدرىجىي ئۆتسە بولىدۇ؛ باجنى قەرەللىك كېمەيتىش – كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغانلىرى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن قەرەلى توشقىچە داۋاملىق بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، لېكىن پايدا ئالالماي ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالمىغانلىرىغا ئېتىبار بېرىش مۇددىتى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان يىلدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
قانۇندا تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تېخنىكا ئالاقىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ئالاھىدە رايون شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن يۇقىرىقى ئالاھىدە سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن رايونلاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان، دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى ئۆتكۈنچى مەزگىللىك باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.
دۆلەت ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا كارخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، باجنى كېمەيتىش – كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.
58 – ماددا  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى چەت ئەل ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈشكەن باجغا دائىر كېلىشىم بىلەن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئوخشاش بولمىسا، شۇ كېلىشىمدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىش كېرەك.
59 – ماددا  گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى چىقىرىدۇ.
60 – ماددا  بۇ قانۇن 2008 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1991 – يىل 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللانغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلاردىن ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىدىن تاپاۋەت بېجى ئېلىش قانۇنى›› ۋە 1993 – يىل 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋاقىتلىق نىزامى›› بىكار قىلىنىدۇ.


(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن  –  نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ