تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاش قان بېسىم بىمارلىرىغا پايدىلىق

ماتېرىيال سۈرەت

    كلاسسىك مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ بەرسە كەيپىياتنى ياخشىلاپ، خاراكتېرنى تاۋلايدۇ،دەپ قارايمىز. يېقىندا بىرازىلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسە قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىپ، قوشۇمچە داۋالاش رولىنى ئۆتەيدىكەن. 

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار ئۇزۇن مەزگىل قان بېسىم كېسىلى بولغان ھەمدە يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە قان بېسىمنى داۋالاش تارىخى بولغان قۇرامىغا يەتكەن 37 ياشلىق بىمارلارنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان.  سىناققا قاتناشقۇچىلار ئادەتتىكى قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسىنى يېگەندىن كېيىن، ئوخشاش بىر ئاۋاز كۈچى ئاستىدا نائۇشنىك بىلەن 60 مىنۇت كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلىغان. مۇزىكا ئاڭلاش جەريانىدا تەتقىقاتچىلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا 20 مىنۇت، 40 مىنۇت ھەم 60 مىنۇتتا ئۇلارنىڭ يۈرەك رىتىمىنى ئۆلچىگەن. تۇنجى نۆۋەتلىك سىناق ئاخىرلىشىپ 48 سائەت ئىچىدە سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈرەك رىتىمىنى قايتا ئۆلچەپ چىققان. ئاخىرىدا سىناققا قاتناشقۇچىلارغا مۇزىكا ئاڭلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۈچىنچى قېتىم سىناق ئېلىپ بارغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    نەتىجىدىن بايقىلىشىچە، قان بېسىمنى چۈشۈرۈش دورىسىنى يەپ سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلىغاندىن كېيىنكى يۈرەك رىتىمى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، 15 مىنۇتتىن كېيىن دورا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشنى باشلىغان، 60 مىنۇتتىن كېيىن دورىنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە چىققان. بۇ كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ قان بېسىم دورىلىرىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئەلالاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئاپتورى، سان پاۋلو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋىكتور ئېنگۋېراشىيا ۋالېنتې مۇنداق دېدى: بۇندىن بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا كىشىلەر بېسىم ھېس قىلغان چاغدا كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلاپ بەرسە، يۈرەك رىتىمىنى ئاستىلىتىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، دېيىلگەن. بىز مۇزىكا ئارقىلىق داۋالاشنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا  ئاكتىپ تەسىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا كلاسسىك مۇزىكا ئاڭلىغاندىن كېيىن يۈرەك رىتىمى ۋە قىسقىراش بېسىمى، كېڭىيىش بېسىمى ئۆزگىرىشىگە قارىتا بۇ قېتىملىق تەتقىقاتنى ئېلىپ باردۇق. سىناق قىلىش جەريانىدا، بىز كلاسسىك مۇزىكىنىڭ پاراسىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، سىمپاتىك نېرۋا پائالىيىتىنى ئازايتىدىغانلىقىنى، كېيىنكىسى جانلىق بولسا  يۈرەك رىتىمىنى تېزلەشتۈرۈپ، قان تومۇرلارنى تارايتىپ، قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقىدۇق.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ