رىياسەتچى ئۆزىنى ئەزەلدىن ئاسرىمايدىغان، تۈزەشتۈرمەيدىغان ئايالدىن سورىدى:
-ئاپتوموبىلىڭلارنى دائىم ئاسراپ تۇرامسىلەر؟
-ئەلۋەتتە.
-ئۇنداقتا ۋېلىسپىتىڭلارنىچۇ؟
-ۋېلىسپىت كۆپ پۇلغا يارىمايدۇ، ئاسرىمىساقمۇ بولىدۇ!
رىياسەتچى يەنە سورىدى: ئۇنداقتا سىزچە پۇلغا يارىمايدىغان نەرسىلەرنى ئاسرىمىسىمۇ بولىدىكەندە، ئەمىسە سىز ئۆزىڭىزنى ئاسراپ تۇرۇۋاتامسىز؟ ئېرىڭىزنىڭ سىزگە ئاپتوموبىل ياكى ۋېلىسپىتقا قىلغان مۇئامىلىنىڭ قايسىسىنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟
ئايال نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى، ئەمما دەرھال بۇ سۆزنىڭ تېگىگە يەتتى.
سىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلىمىسىڭىز، ھېچكىم سىزنى قەدىرلىمەيدۇ، ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇڭ!
نۇرغۇن كىشى باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەسلىكنى باشقىلارنىڭ ياخشى مۇئامىلىسىگە، قەدىرلىشىگە ئېرىشەلمەسلىك، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئەزەلدىن ھۆرمەتلىنىپ ياكى قەدىرلىنىپ باقمىغان ۋەياكى كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ئۆزىنى ئەزەلدىن ھۆرمەتلىنىشكە، قەدىرلىنىشكە لايىق دەپ ئويلىمايدۇ.
يوشۇرۇن ئاڭنىڭ كۈچى ئىنتايىن زور، ئاڭسىز رەۋىشتىكى ئاڭ ھەمىشە تۇرمۇشىمىزنىڭ يۆنىلىشى ۋە ھالىتىنى بەلگىلەيدۇ، بۇلارنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ، ئۆزىڭىزنى كۆپرەك سۆيۈڭ، ئاسراڭ.
سىز قەدىرلىنىشكە لايىق ئايالمۇ؟
مۇھەررىر :
خالىسە ئەخمەت
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/05/03 13:18
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.