شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خىمىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو خىمىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى يەتتىنچى شىركىتى ھۆددىگە ئالغان رۇسىيەنىڭ ئومسكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا خام نېفىتنى چوڭقۇر ئايرىش تۈرىدە يېقىندا ئوڭۇشلۇق ئىش باشلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، خام نېفىتنى چوڭقۇر ئايرىش تۈرى 2018-يىلى 2-ئايدا ئىمزالانغان، بۇ تۈر قۇرۇلۇشى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا-جەنۇبىي قىسىمىدىكى ئومسكى شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، موسكۋادىن 2555 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەن. تۈر ئىگىسى رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتى بولۇپ، تۈر توختام سوممىسى تەخمىنەن 420 مىليون دوللار بولغان، قۇرۇلۇش مۇددىتى 27 ئاي بولىدىكەن.
ئومسكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى رۇسىيەدىكى نېفىت ئايرىيدىغان ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال گەۋدە. بۇ تۈردە ئوڭۇشلۇق ئىش باشلىنىشى بىلەن جۇڭگو خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىغا رۇسىيە بازىرىنى يەنىمۇ چۈشىنىش، جۇڭگونىڭ خىمىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئەلا ماركىلىرىنى بەرپا قىلىشقا مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.