جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ دالياڭ مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى. يېڭى دەۋردە ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ دەرسلىك قۇرۇلۇشى، قوللىنىلىشى ۋە تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش، دەرسلىكلەرنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئوقۇتۇش تەتقىقات شۆبە جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرى دوكلات مۇنبىرى» 4-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ۋۇخەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مۇنبەر جۇڭگو ئالىي مەكتەپ مائارىپى كۆرگەزمىسى (2018-يىل باھار) نىڭ تەركىبىي قىسىمى بولۇپ، بۇ مۇنبەرنى جۇڭگو نەشرىياتچىلىق جەمئىيىتى پەن-تېخنىكا نەشرىيات خىزمىتى كومىتېتى، جۇڭگو ئالىي مەكتەپلەر نەشرىياتى جەمئىيىتى قاتارلىق ئاپپاراتلار ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى.
مۇنبەردە «ئالدىنقى قاتاردىكى تولۇق كۇرس دەرسلىك قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ دالياڭ، جۇڭگو ئالىي مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئوقۇتۇش تەتقىقات شۆبە جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ياڭ شياڭ قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار قاتناشتى، مەملىكەت بويىچە ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە ۋەكىللەر يىغىنغا قاتناشتى.