تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ ئالدى–كەينىدە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىلگىرى نېمە يېيىش، قايسى ۋاقىتتا يېيىش، قانچىلىك يېيىش ئىزچىل نۇرغۇن كىشىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان مەسىلە. بۈگۈن بىز مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىمىز.

    كۆپچلىككە چېنىقىشتىن 30-15 مىنۇت ئىلگىرى بىر، ئىككى تال بانان يېيىش تەكلىپىنى بېرىمىز:

ماتېرىيال سۈرەت

    بىرىنچىدىن، بانان يېتەرلىك ئېنېرگىيە تەمىنلەپلا قالماي، قورساقنى ئاچۇرمايدۇ.

    ئىككىنچىدىن، بانان تەركىبىدە كالىي ۋە ماگنىي مول. كالىي بەدەندىكى سۇ ، ئوسموس بېسىمى ۋە كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، مۇسكۇل قوزغىلىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، نورمال يۈرەك رېتىمىنى ساقلايدۇ، ماگنىي بەدەندىكى كۆپ خىل ئېنزىمنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، نۇكلىك كىسلاتانىڭ قۇرۇلما مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ، نېرۋا غىدىقلىنىشىنى تىزگىنلەيدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، باناننىڭ قان قەنتى قىممىتىگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ياغ سىيرىش رولى بار.

    باناندىن باشقا، چېنىققاندا يەنە سۈت، تۇخۇمغا ئوخشاش  ئەلا ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى چېنىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە يېيىشكە بولمايدۇ:

    بىرىنچى، بىر تەرەپ قىلىنمىغان خام كۆكتاتلار. بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەر بەدەننى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ.

    ئىككىنچى، تېز تاماق، ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە ياپراقچىسى، بەرەڭگە قەلەمچىسى، ھامبۇرگ بولكىسى، قوناق قوتۇرمىچى قاتارلىق ئىسسىقلىق  مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، پىسا قاتلىمىسى.

    تۆتىنچىسى، تۇزلۇق يېمەكلىكلەر.

    بەشىنچى، گازلىق سۇ، مېۋە شەربىتى، تاتلىق ئىچىملىكلەر.

    ئالتىنچى، تاتلىق يېمەكلىكلەر.

 

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ