تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

چاي ئىچىشكە ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

ماتېرىيال سۈرەت

    چاي ئىچىش ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۈتۈنۈش ئۇسۇلى بولۇپ، سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق، مەسىلەن: چاي ئىچىشنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قاندىكى ماي تەركىبىنى چۈشۈرۈش رولى بار. چاي ئىچىش گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما  ھەممىلا ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىلەر چاينى ئازراق ئىچكىنى تۈزۈك:

ماتېرىيال سۈرەت

    ئاشقازان يارىسى بارلار. ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى ياكى سوزۇلما يىگلەشلىك ئاشقازان ياللۇغى بارلار ئەڭ ياخشىسى چاينى ئاز ئىچىشى كېرەك، بولۇپمۇ قېنىق دەملەنگەن ھەمدە ئاچ قورساققا چاي ئىچىشكە بولمايدۇ. چاي يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى  كوففېئىن ۋە تاننىك كىسلاتا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىنى تېزلىتىپ، ئاشقازان يارىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر دائىم قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچكەندە كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىدۇ. ئادەتتە ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ بولغان كىشىلەر پوئېر چېيى ۋە پەمىل چاي ئىچىشكە تېخىمۇ ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى خىل چاينىڭ تەركىبىدە كوففېئىن مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۇيقۇسى ناچار ۋە نېرۋىسى ئاجىزلار. كوففېئىننىڭ نېرۋا مەركىزىنى جانلاندۇرۇش رولى بار. ئادەتتە ئۇيقۇسى ناچار، ياكى نېرۋىسى ئاجىزلار كوففېئىنغا نىسبەتەن سەزگۈر كېلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن كېيىنلا چاي ۋە قەھۋە ئىچىشنى توختىتىش كېرەك، بولمىسا كەچتىكى ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    يۈرەك رېتىمسىزلىقى بارلار. كوففېئىن يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تېزلىشىشىنى، ھەتتا يۈرەكنى قوزغاپ قويۇشى مۇمكىن، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىر خىل يوشۇرۇن خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە يۈرەك رېتىمسىزلىقى بارلار ياكى چاي ۋە قەھۋەگە ئالاھىدە سەزگۈرلەر ئاچ قورساققا چاي ئىچسە، ئۇلاردا باش قېيىش، يۈرەك قوزغىلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئىغىرلىشىشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ