ماتېرىيال سۈرەت
يېقىندا «يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى مۇچ يېسە، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى، ئەمەلىيەتتە بۇ قاراش ئىلمىي ئەمەس. مۇچ قان بېسىمىنى ئۆرلەتمەيلا قالماستىن، بەلكى بەلگىلىك دەرىجىدە قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولىغا ئىگە، يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى مۇچنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە سالامەتلىكىگە پايدىلىق.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مۇچنى مۇۋاپىق يەپ بەرگەندە يېنىك دەرىجىدە قان بېسىمىنى بىۋاسىتە چۈشۈرۈش رولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مېڭە سەكتىسى يۈز بېرىشنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ، يۈرەك ۋە قان تومۇرلارنى ئاسراپ، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈرەك قېرىنچىسى قېلىنلاشنى ئەكسىگە قايتۇرۇپ، ھەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتىپ، جىگەرنى ماي قاپلاشنى يېنىكلىتىپ، قان قەنتىنى چۈشۈرىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇزنى كۆپ يېسە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى خەۋپىنى ئاشۇرۇپ، قان بېسىمى سەۋىيەسىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. مۇچنى مۇۋاپىق يەپ بەرگەندە يېمەكلىك تەمىنى ياخشىلايدۇ، ئادەتتە تۇزلۇقراق تاماق يەيدىغان، تۇز مىقدارىنى ئازايتىشقا ئامالسىز قالغان يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى مۇچ يەپ بەرسە تۇزغا بولغان ئېھتىياجىنى ئازايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان بېسىمى بارا-بارا چۈشىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، مۇچ يەپ بەرگەندە ناترىينىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن.
ماتېرىيال سۈرەت
ئەلۋەتتە، ئۇزۇن مەزگىل مۇچ (زىيادە ئاچچىق مۇچ) نى كۆپ يېگەندە ئاشقازان-ئۈچەي يولىغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى مۇچنى مۇۋاپىق يېيىشى، كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ماتېرىيال سۈرەت