شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى مۇھىت-بايلىق باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمى «باشلامچى» كارخانىلارنى تاللاش خىزمىتىنى بىرلىكتە تەشكىللەپ، قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەۋسىيەسىدە، كارخانا ئىناۋەت مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش ئارقىلىق 2017-يىلدىكى پولات تۆمۈر، ئېتىن، خام نېفىتنى پىششىقلاپ ئىشلەش، بىرىكمە ئاممىياك، مېتانول، سېمونت، تەكشى ئەينەك، ئېلېكتىرولىزلانغان ئاليۇمىن، مىس تاۋلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى تاللانغان ئېنىرگىيە ئۈنۈمى«باشلامچى» ۋە تىزىملىككە كىرگەن كارخانىلارنى ئېنىقلىدى، ئارىسىدا شىنجاڭدىكى بەش كارخانا دۆلەت ئېنېرگىيە ئۈنۈمى «باشلامچى» قاتارىغا كىردى (ئارىسىدا ئۈچ كارخانا مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى).
2017-يىللىق ئېنېرگىيە ئۈنۈمى«باشلامچى» كارخانا تىزىملىكى: باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو نېفىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، قاغىلىق تىيانشان سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، قومۇل تىيانشان سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كۇچا خوڭشې سېمونت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلار بار.
ئىگىلىنىشىچە، ئېنېرگىيە ئۈنۈمى«باشلامچى» دېگەنلىك ئوخشاش تۈردىكىلەرنىڭ سېلشتۇرما دائىرىسى ئىچىدە، ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان مەھسۇلات، كارخانا ۋە ئورۇننى كۆرسىتىدۇ. ئېنېرگىيە ئۈنۈمى«باشلامچى» تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيەنى تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى كۈچەيتىش، مۇھىت ئاسراش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىت ئاسراشتەك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېنېرگىيە ئۈنۈمى«باشلامچى» تۈزۈمى بولسا دۆلىتىمىزنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم باشقۇرۇش تۈزۈمى، بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ ئېنېرگىيە تېجەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاستىدۇر.