تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ھايۋانات يۇقۇمىنى تىزگىنلەش – دىياگنوز قويۇش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر گۈلبەھرەم ئاۋۇت

  بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مەن پارتىيەلىك كادىر، مېنىڭ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم بار.

  سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ئىدىيەمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولۇمنى، ئەۋزەللىكىمنى پائال جارى قىلدۇرىمەن، زېھنىم، كۈچۈم ۋە ھېسسىياتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە پائال يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىمەن. كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، يۈكسەك ھوشيار بولىمەن، مەيدانىمنى چىڭىتىپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولىمەن، بايرىقىمنى روشەن، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قاتتىق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، بىپەرۋالىق، بوشاڭلىق، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇپ كېتىش ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، مۇداپىئەنى چىڭىتىپ، دائىم تەييار تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قىلچە پايدىلانغۇدەك پۇرسەت بەرمەيمەن.

  شىنجاڭ تېررورلۇققا، سىڭدۈرمىچىلىككە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئاساسى جەڭگاھى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. بىز مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەملەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، باشلامچى، يېتەكچىلەردىن بولۇشىمىز، باشتىن – ئاخىر سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى، بۇزغۇنچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، خىزمەتنى پۇختا، ئەمەلىي، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگە بولۇش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىمەن، ئالدىن ئۆگىنىش، ئالدىن ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىشقا يېتەكلەيمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە تونۇشتا ھەرگىز مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ