تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ياخشى ۋەزىيىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قوغدايمەن

  شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تەشكىلات بۆلۈمى ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمچىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جىنپېنۋەن مەھەللىسى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر لى ياشياڭ

  ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە، ئوخشىمىغان قاتلامدا داۋاملىق قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ھەم ‹‹19 – قۇرۇلتاي روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نىڭ تېزلەتكۈچىسى، ھەم پارتىيەلىك كادىرلارنى سىنايدىغان سىنتاش، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش خىتابنامىسى.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، مەڭگۈ بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، پارتىيەگە، تەشكىلگە سادىق بولۇپ، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تىلىم بىلەن دىلىمنى، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، تىرىشىپ مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ۋە بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قوغدايمەن.

  مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەن:

  ساداقەتمەن بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتا ئۈلگە بولىمەن. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتا، پارتىيەنىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا، ھەممىدىن مۇھىم، ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي ئېتىقادتا ئۆزگەرمەيمەن، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەيمەن، سىياسىي يۆنىلىشتە ئېغىشمايمەن، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن.

  مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشتا ئۈلگە بولىمەن. كوممۇنىزملىق غايە – ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي مەيداندا مۇستەھكەم تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىر مەقسەتتە بولىمەن، قەدىمىمنى بىرلىككە كەلتۈرىمەن. يۇقىرىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قارىتا، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمەن، شەرت قويمايمەن، باھانە – سەۋەب كۆرسەتمەيمەن، باش تارتمايمەن، ئىنتىزامنى قەتئىي، شەرتسىز ئىجرا قىلىمەن، قائىدىگە قەتئىي ياخشى رىئايە قىلىمەن، تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلايمەن، ھالقىپ كەتمەيمەن، سىياسەتنى قەتئىي، ئەينەن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  سۆز – ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشتا ئۈلگە بولىمەن. ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە پولات سېپىل بەرپا قىلىمەن، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاكىز تازىلاپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، باش نىشانغا ئوڭۇشلۇق يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن.

  ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تەۋەلىكتىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلارغا تايىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ