ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بىرىنچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى «خۇڭچى» ئاپتوموبىل ماركىسى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر خىل ئۇقۇم ئاپتوموبىل مودېلىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە بۇ ئاپتوموبىل ئۇقۇم ئاپتوموبىل تىپىدە كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن.
يۇقىرىقى سۈرەتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل بىر خىل GT تىپتىكى مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بولۇپ، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ناھايىتى ئىلغار لايىھەلەر قوللىنىلغان ئىكەن.