تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى ئىككى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى بۇ يىل پۈتىدۇ ‏

    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى. ئۈرۈمچى سايباغ رايونىدا بۇ يىل ئىككى ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى پۈتۈپ، 4108 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مۇخبىر 4-ئاينىڭ 20-كۈنى «دىۋاڭ» ئوتتۇرا يولىدىكى شىنجاڭ «دىۋاڭ» ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، يەر ئاستى بەش قەۋەتنىڭ قۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى، ئىشچىلارنىڭ يەر ئۈستى 1-ۋە 2-قەۋىتى ئارىسىدىكى پولات تۈۋرۈكنى جايىغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

    شىنجاڭ «دىۋاڭ» ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆي-مۈلۈك قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لۇ چاڭجياڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 46 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، جەمئىي 11 قەۋەت، ئالتە قەۋىتى يەر ئۈستىدە، بەش قەۋىتى يەر ئاستىدا، پۈتكەندىن كېيىن 1090 ئاپتوموبىل توختىتىشقا بولىدۇ.  

    «ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ ئېگىزلىكى 24 مېتىر كېلىدۇ، يەر ئۈستى 1-قەۋىتىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسلار رەتلىك توختايدۇ، خاتىرجەم كىرىپ چىقالايدۇ، يەر ئاستى بەش قەۋىتى ھەم يەر ئۈستىدىكى 2-قەۋەتتىن 6-قەۋەتكىچە پىكاپلار توختايدۇ»، دېدى لۇ چاڭجياڭ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى تاپشۇرغاندا ئۆچىرەتتە تۇرماي ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپلا ھەق تۆلىگىلى بولىدۇ.   

    ئىگىلىنىشىچە بۇ ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى ساقلاش ئەسلىھەسىگە تەۋە بولۇپ، تۈرلۈك ئاپتوموبىللار ئۆز ئالدىغا توختىتىلىدىكەن، «ئۆزى مېڭىش ئۇسۇلى» دىكى ئايلانما قۇرۇلما قوللىنىلىدۇ، ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر قەۋەتتە بىر ئايلانما يانتۇ يول بار بولۇپ، شوپۇر سىرتتىكى ئېكران ئارقىلىق قايسى قەۋەتتە بىكار ئورۇن بارلىقىنى كۆرۈپ، ئايلانما يانتۇ يول ئارقىلىق بىكار ئورۇنغا بېرىپ توختاتسا بولىدۇ، ئاپتوموبىللارنى چىقىرىپ قويىدىغان تاختا ياكى ئاپتوموبىللارنى توغرىسىغا چىقىرىشلارغا تايانمايلا ئاپتوموبىللارنى توختاتقىلى بولىدۇ.

    «بۇ يەر ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا ۋە چاڭجياڭ يولى سودا شەھەرچىسىگە ئىنتايىن يېقىن، ئەتراپتىكى ئاپتوموبىللارمۇ كۆپ، ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى پۈتكەندىن كېيىن ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتەلەيدۇ»، دېدى لۇ چاڭجياڭ.

    بۇنىڭدىن سىرت، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھتىنى بۇلغىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئەتراپىدا ھەر بەش، ئالتە مېتىردا بىر سۇ چېچىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى ھەم نەق مەيداندا مۇھىت ئاسرايدىغان چاڭ-توزان تازىلاش ماشىنىسى ۋە مۇھىت ئاسراش ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسۋابى ئورناتتى ھەم بارلىق يەر يۈزىگە چىقىپ قالغان توپىلارنى ياپتى.

    سايباغ رايونلۇق شەھەر مەمۇرىيىتى شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شەھەر مەمۇرىيىتى شەھەر قىياپىتىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ خادىمى ئاينۇر مامۇت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ دىۋاڭ ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ  10 چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قۇرۇلۇشى تۈرى، سايباغ رايونىدىكى يەنە بىر ئىستېرېئولۇق ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى گۇچۇڭ يولىغا جايلاشقان، قۇرۇلۇش كۆلىمى 135 مىڭ كۋادرات مېتىر، يەر ئاستى تۆت قەۋىتى پۈتتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ئىسكىلاتىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزى قۇرۇلۇشى مۆلچەرلىنىشىچە 8-ئايدا پۈتىدۇ، 3018 ئاپتوموبىل توختاتقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ