تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەت بازىرىنى مەخسۇس رەتكە سېلىشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئۆتكۈر قىلىچ ھەرىكىتى-1» ناملىق ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان ساياھەت بازىرى تەرتىپى زور كۈچ بىلەن رەتكە سېلىنغان، ساياھەت يېتەكچىلىك كەسپى بىلەن شوغۇللىنىش ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان.

   2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىدىن 560 ئادەم (قېتىم)، ئاپتوموبىلدىن 610 ماشىنا (قېتىم) ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۈپ، ساياھەت كارخانىسىدىن 320 سى، ساياھەت يېتەكچىسىدىن 260 ئادەم (قېتىم) تەكشۈرۈلۈپ، قانۇن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق  دېلو ۋە يىپ ئۇچىدىن 17 قېتىملىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان ھەمدە تەكشۈرۈش تەرتىپى يولغا قويۇلغان، تۈزەشكە بۇيرۇش ئۇقتۇرۇشىدىن 32 پارچە تارقىتىلىپ، ساياھەت كارخانىسىدىن 12 سى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، قانۇنسىز ساياھەت كارخانىلىرى ۋە شوغۇللانغۇچىلار چۆچۈتۈلۈپ، شىنجاڭ ساياھەت بازىرى تەرتىپىنىڭ داۋاملىق ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

   ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ «ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى مەخسۇس رەتكە سېلىش بويىچە ‹ئۆتكۈر قىلىچ ھەرىكىتى-1› نى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەت يېتەكچىلىك كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ گەۋدىلىك قىلمىشلارغا زەربە بېرىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» ىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ساياھەت بازىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ «ئۆتكۈر قىلىچ-1» ناملىق ھەرىكەتنى يولغا قويغان.

   ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان «نامۇۋاپىق تۆۋەن باھالىق ساياھەت»، «ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇرلاش» ۋە ساياھەت يېتەكچىلىك كەسپى پائالىيىتى بىلەن قانۇنسىز شوغۇللىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىش، مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشتىن ئىبارەت گەۋدىلىك مەسىلىلەر قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ