مۇخبىرىمىز جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى
مەن 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى رۇك كەنتىگە كېلىپ، قاتار – قاتار كۆكتات پارنىكلىرىنى كۆردۈم. كەنت ئاھالىسى ئابلا ئەخمەت ئۆزى تېرىغان ئالتە پارنىكتىكى مۇچ، پېدىگەن قاتارلىق كۆكتاتلىرىنى پەرۋىش قىلىۋاتقان ئىكەن. ئابلا ئەخمەت: بۇلتۇر ئالتە پارنىكتىن 25 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇنىڭ ھەممىسى ئۇستازىمنىڭ تۆھپىسى، دېدى. ئابلا ئەخمەت ئېيتقان بۇ ئۇستاز 62 ياشلىق كەنت ئاھالىسى يۈ بوجېن ئىدى.
يۈ بوجېن 1962 – يىلى ئاتا – ئانىسىغا ئەگىشىپ خوتەنگە كېلىپ، رۇك كەنتىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. يۈ بوجېن 1980 – يىلىدىن باشلاپ كۆكتات تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھازىر شۇ جايدىكى كۆكتات تېرىقچىلىقى چوڭ ئائىلىسىگە ئايلاندى.
يۈ بوجېن ئابلا ئەخمەتنىڭ ئىنتايىن نامرات ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا كۆكتات تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى، پارنىك سېلىشىغا ياردەم بەردى، يەنە ھەر ئايدا تۇرمۇش پۇلى بېرىپ تۇردى. ئابلا ئەخمەت تىرىشىش ئارقىلىق پارنىكنىڭ ئاساسىي تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى. ھازىر، ئابلا ئەخمەت ئازادە يېڭى ئۆي سالغاندىن باشقا، كەنت ئاھالىسىنى باشلاپ، قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىپ، كەنتتىكى داڭلىق بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى.
ئابلا ئەخمەتنىڭ پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، كەنتتىكى نۇرغۇن ئاھالە پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى سىناپ بېقىشقا باشلىدى. يۈ بوجېن ئۇلارغا پارنىك تېرىقچىلىقىنى قولمۇ قول ئۆگەتتى. بىر نەچچە يىل ئىچىدە، كەنت ئاھالىسى پارنىكتىن خېلى ياخشى نەپ ئالدى، سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن ياش قايتىپ كېلىپ، يۈ بوجېنغا ئەگىشىپ پارنىكتا كۆكتات تېرىدى. كەنتتىكىلەر يۈ بوجېننى ئۇستاز، دەپ چاقىرىدىغان بولدى.
يۈ بوجېن مۇنداق دېدى: كەنتتە ئون نەچچە شاگىرتىم بار، ئۇلارنىڭ چوڭى 70 ياشتىن ئاشتى، كىچىكى 18 ياش، ئۇلار مېنىڭ تۇغقىنىمدەك بولۇپ قالدى.
ئىشچىلار 4-ئاينىڭ 16-كۈنى رۇك كەنتىدىكى مەمەت قادىرغا يېڭى ئۆي سېلىشىپ بەرمەكتە. مەمەت قادىر يۈ بوچېننىڭ ياردىمىدە پارنىك تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
يۈ بوچېن 4-ئاينىڭ 13-كۈنى كەنتتىكى بىر ياشقا پارنىك تېرىقچىلىقى تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلماقتا.