تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باي ناھىيەسى: كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا ياراتقان گۈزەل تۇرمۇش

  ئۆز مۇخبىرىمىز. 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، شىنجاڭ باي ناھىيەسى سايرام بازىرى يېڭىباغ كەنتىدىكى بىر تىككۈچىلىك دۇكىنىدا كىيىم تىكىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. «بۇ يەرگە قاراڭ، تىكىپ بولغاندىن كېيىن گىرۋەكنى ئېتىۋەتسىڭىز، يىپ ئىلىنىپ كەتمەيدۇ...» ئاتىكەم راخمان ئەستايىدىللىق بىلەن شاگىرتلىرىغا تىككۈچىلىك ماھارىتىنى ئۆگىتىۋاتاتتى.

  بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ئاتىكەم راخمان يېڭىباغ كەنتىدىكى دېھقان بولۇپ، كىچىكىدىنلا تىككۈچىلىككە قىززىقاتتى. 2003-يىلى توي قىلغاندىن باشلاپ، ئېرى بىلەن ئۈرۈمچىدە ئىشلەمچىلىك قىلدى، ئارلىقتا بىر تىككۈچىلىك دۇكىنىدا شاگىرت بولدى ۋە تىككۈچىلىك ماھارىتىنى ئۆگەندى.

  كېيىن ئاتىكەم يېزىغا قايتىپ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. يولدىشى كۈندە ترانسپورت خىزمىتى قىلاتتى، ئۇ يولدىشىغا ئىچى ئاغرىدى ۋە تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىپ يولدىشىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى، شۇنىڭ بىلەن 2013-يىلى 7-ئايدا بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن 15 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز ئېلىپ، كەنتتە تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچتى ۋە كىيىم تىكىش ۋە رەخت سېتىش سودىسى قىلدى.

  يېڭى سودا باشلىغىنىدا، تېخنىكىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن خېرىدارلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئاتىكەم كېچىمۇ-كۈندۈز مەشىق قىلىش بەدلىگە تىككۈچىلىك تېخنىكىسىدا كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى خېرىدارلار ئاستا-ئاستا كونا خېرىدارغا ئايلىنىشقا باشلىدى.

  «خېرىدارلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قىلىش، مودا ئېقىمغىمۇ ماسلىشىش كېرەك يەنە تېخى ئۆزۈمنىڭ ئىجادىيىتىنىمۇ قوشۇشۇم كېرەك» ئاتىكەم راخمان تور ۋە كىتابلاردىكى پاسونلاردىن ئۆرنەك ئېلىشقا باشلىدى. ئاخىرى ئۇنىڭ تىككەن كىيىملىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى 12-ئايدا، ئاتىكەم راخمان يەنە كەشتىچىلىك ئۈسكۈنىسىنىمۇ سېتىۋېلىپ تويلۇق ياستۇق، يوتقان-كۆرپە قاپلىرىنى تىكىپ سېتىشقا باشلىدى.

  قارادۆڭ بۇلاق كەنتىدىكى دېھقان غۇنچەم تۇنىياز بۇ دۇكاننىڭ دائىملىق خېرىدارى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن دائىم بۇ يەرگە كېلىپ كىيىم تىكتۈرىمەن، ئۇستامنىڭ قولى چېۋەر، پاسوننى چىرايلىق لايىھەلەيدۇ، كىيىپ چىقسام ھەممەيلەن ماختىشىدۇ».

  سەمىمىيىتى، تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈنلىكى ئاتىكەمنىڭ سودىسىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، ئۇنى ئىزدەپ سوراپ كېلىپ، كىيىم تىكىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيدى. سودىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاتىكەم راخمان دۇكاننىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كىيىم تىكىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن ئاتىكەم 4 ئايالنى ھەقسىز شاگىرىتلىققا قوبۇل قىلدى. كۈندۈزى ئاتىكەم ئۇلارغا تىككۈچىلىكنى ئۆگەتسە، كېچىسى ئۆي ئىشلىرىنى تۈگىتىپ كەلگەنلەرگە «دەرىس تولۇقلاپ» بېرىدىغان بولدى.

  ھەقسىز شاگىرت قوبۇل قىلىشتىن ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقىچە تىرىشچان ئاتىكەم كەنت ئاياللىرىنى بېيىش يولىغا قاراپ يېتەكلىدى.

  ئايگۈل توخنىياز ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ بىر شاگىرتى بولۇپ، يولدىشىنىڭ سالامەتلىكى ناچار بولغاچقا تۇرمىشىمۇ كەمبەغەل ئىدى. ئاتىكەم راخمان ئايگۈلنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى. نۆۋەتتە ئايگۈل تىككۈچىلىك ماھارىتىنى ياخشى ئىگەللەپ، ئۆز قولى بىلەن ئائىلە شارائىتىنى ياخشىلىدى.

  «ئىلگىرى مەن سىرىتقا چىقىپ ئىش ئىزدەشنى قارار قىلغانىدىم. ئائىلەمنىڭ ئەھۋالى سەۋەبلىك سىرىتقا چىقالمىدىم. ئەمدى مەن ئۆيۈمنىڭ يېنىدىلا ئىش قىلالايمەن، ئايلىق كىرىم 2000 يۈەنگە يېتىدۇ» ئايگۈل توخنىياز تىككۈچىلىك دۇكىنىدا بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى، ھەر قېتىم ئاتىكەم راخماننىڭ گېپى چىققىنىدا ئۇ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيتتى: «ھېلىمۇ ئۇستازىم ماڭا بۇ ماھارەتنى ئۆگىتىپ قويۇپتۇ، مەن ئۇزۇنغا قالماي نامراتلىقتىن قۇتۇلىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن».

  ھازىر ئاتىكەم راخماننىڭ تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئۇ بۇ بەخىتلىك تۇرمۇشىنى قەدىرلەيتتى ۋە دائىم مۇنداق دەيتتى: «مەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى سەۋەبىدىن سودا قىلىدىغان مەبلەغگە ئېرىشىتم، دۇكان ئاچالىدىم، كېيىن پۇرسەت چىققاندا يۇرتۇمنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ