تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئورتاق تونۇشنى، ئەلرايىنى مۇجەسسەملىگەندىلا، كۈچنى توپلىغاندىلا، ئىشتا غەلىبە قازىنالايمىز.

  ‹‹توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىپ، جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك››. مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى ھەم ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا زور ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك قىممىتى ۋە ئەمەلىي يېتەكلەش رولىغا ئىگە.

  تور خەلق تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىۋاتقان، تور ئەھلى سانى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان، ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تور چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى. ئالاقە تورى دەۋرىمىزدىكى ئەڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە ئىگە ساھە، شۇنداقلا بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشچان مىقدار بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاقە تورىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمىسەك، ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىمىزنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە بولۇشى كېرەك. توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك.

  توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىش بىزدىن تورنى ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، كارخانا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، جەمئىيەت نازارەت قىلىدىغان، تور ئەھلى تەلەپچان بولىدىغان كۆپ سۇبيېكت قاتنىشىدىغان، ئىقتىساد، قانۇن، تېخنىكا قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئۆزئارا بىرلىشىدىغان ئۇنىۋېرسال تور ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. تېخنىكىدا ئازراق ئىلگىرىلەش بولسا، باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ‹‹بىرىنچى قول باشلىق››لار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، تېخنىكا ئارقىلىق تورنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئالاقە تورى كارخانىلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئالاقە تورىنىڭ زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىدىغان، پىتنە – ئىغۋا تارقىتىپ جېدەل تېرىدىغان سۇپىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. ئالاقە تورى كەسپىگە قويۇلىدىغان تەلەپنى كۈچەيتىپ، تور ئەھلىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ھەرقايسى جەھەتتىكى كۈچلەرنى تورنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك. توردا ۋە تور سىرتىدا يېقىندىن ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، تور ئىستىھكامىنى چىڭ ئىگىلەپ، تور ئاساسىي يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىش ئۈچۈن، توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كىشىلەرگە ياخشى خىزمەت ئىشلەپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزگە ئادەم قەيەردە بولسا، ئىدىيەۋى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇ جايدا بولىدىغانلىقىنى قايتا – قايتا ئەسكەرتتى. توردىكى ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن، بايرىقىمىز روشەن ھالدا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكىدە، قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئارقىلىق يۈزمىليونلىغان تور ئەھلىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ھەم ئۇيۇشتۇرۇپ، غايە، ئېتىقاد تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈشىمىز ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. ئىجابىي تەشۋىقاتنى ياخشى ئىشلەشتە بىرلا مۇقامدا توۋلاشقا، بىرلا ئۇسلۇبنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، تور تەشۋىقات ئىدىيەسى، مەزمۇنى، شەكلى، ئۇسۇلى، ۋاسىتىسى قاتارلىقلاردا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تورنىڭ جەلپكارلىقى، تەسىرچانلىقى، ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. توردىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، توردا ۋە تور سىرتىدا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، گۇمانلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھلاش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەش كېرەك، گەپتە كەتكۈزۈپ قويۇشقا، ئۈن – تىنسىز تۇرۇۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. توردا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، تور سىرتىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، توردىكى جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى ۋە تور سىرتىدىكى ئىدىيەۋى خىزمەتنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، يۈزتۇرا خىزمەت ئىشلىگەندىلا، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تور ئەھلىنى پارتىيە ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز.

  ‹‹ھەممە بىر مەقسەتكە كەلسە، تاغنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ››. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر بەرپا قىلىپ، ئالاقە تورىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ توپلىساقلا، چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى روياپقا چىقىرىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ