چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى دۆلەت ئېكولوگىيەلىك ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئورمىنى نەسىللىك قوي فېرمىسى بۆلەك رايونىدا قادىرجان ئىلھام ئاتلىق ئىلى دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلدىغان ئارالدىكى بىر پارچە مۇھاپىزەت رايونىنى چارلاشقا يول ئالدى (4-ئاينىڭ 19-كۈنى فوتوسى).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن قادىرجان ئىلھام چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قوي فېرمىسى توقاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى دۆلەت ئېكولوگىيەلىك ئاممىۋى پاراۋانلىقى ئورمىنى نەسىللىك قوي فېرمىسى بۆلەك رايونىنىڭ ئورمان مۇھاپىزەتچىسى. ئۇ 1993-يىلدىن باشلاپ، بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، نۇقتىلىق چارلاش ئېلىپ بېرىش، بايقالغان ئەھۋاللارنى نەق ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە ئايلانغان ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، سۈنئىي ھەمراھتا كۆزىتىش، ئايروپىلاندا قوغداپ مۇھاپىزەت قىلىش، كۆرۈنمە چاستوتا ئۇچۇر سۇپىسى قاتارلىق تېخنىكا ئارقىلىق ئورمانلىقنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋاستىسى موللىشىپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بولغان تۇنۇشى ئۆستۈرۈلدى.
2017-يىلى 4-ئايدا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، توقاي كەنتىدىكى كەنت ئاھاللىسى «ئاتلىق دەريا مۇھاپىزەتچىلىرى» ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقتى. قادىرجان ئىلھام بۇ ئەترەتنىڭ بىر غوللۇق ئەزاسى بولۇپ قالدى. بۇ كەنتتىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئىلى دەرياسى بۆلىكى ۋە ئاممىۋى پاراۋانلىق ئورمىنى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ چارلاپ قوغداش ئېلىپ بارىدىغان ئوبېكىتى ئىدى. قادىرجان ئىلھام مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولالىغانلىقىمدىن كۆڭلۈم تېخىمۇ ئەمىن تاپتى.
(خۇ خۇخۇ فوتوسى)