تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ھەممە بالا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلسۇن

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 240 مىڭ بالا ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››دىن مەنپەئەتلەندى

  مۇخبىرىمىز ليۇ جىڭ

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››، مايسا قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىشنى ئېلان قىلدى. ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››دا نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا كۈندە بىر خالتىدىن ھەقسىز سۈت تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭدىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 240 مىڭ بالا مەنپەئەتلىنىدۇ. سۈرەتتە: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مېرىدىيان 2 – يولى مەھەللىسىدىكى ‹‹ياخشى بالا›› يەسلىسىدىكى بالىلار 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى سۈت ئالماقتا.
  مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى
 

  ‹‹قوزام، ئاستىراق ئىچىڭ››. 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى كوچا باشقارمىسىنىڭ كاڭنىڭ مەھەللىسى، ئىككى ياشلىق گۇەن جيائەن مەھەللە خىزمەتچىسىنىڭ قولىدىن ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى›› دېگەن خەت بېسىلغان بىر خالتا سۈتنى ئېلىپ ئىچىشكە باشلىدى. گۇەن جيائەننىڭ بوۋىسى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: نەۋرەم راستتىنلا بەك بەختلىك، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت!

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلام شىنجاڭ، ساغلام مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2018 – يىللىق ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى ئون چوڭ ئەمەلىي ئىش››ىنىڭ بىرى بولغان ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى›› 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس ئىچىدىكى نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان 240 مىڭ بالىغا كۈندە بىر خالتىدىن سۈت تارقىتىلدى.

  ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى›› ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

  4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى سەھەر، ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى›› دېگەن خەت يېزىلغان ئاپتوموبىل 160 يەشىك سۈتنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ رايونى شىنمىن يولى تەۋەلىك رايونىدىكى نەنداخۇ مەھەللىسىگە يەتكۈزۈپ بەردى. ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ نەنداخۇ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، سۈتنى تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

  ــــ ئوغلۇم مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار سۈتى ئىچىدۇ، كىچىك قىزىم ھازىر ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››دىن بەھرىمەن بولدى، بۇ ياخشى سىياسەت ئائىلىمىزگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى،ــ دېدى نەنداخۇ مەھەللىسىدىكى يەككە تىجارەتچى دىلشات قادىر خۇشال ھالدا. بىر يەشىكتە ئون خالتا سۈت بار، دىلشاتنىڭ قىزى ھەر ئون كۈندە بىر يەشىك سۈت ئالالايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللە(كەنت) كومىتېتلىرى بۇ يىل 3 – ئايدا ئېنىقلاش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ تەشۋىق قىلىش، تېلېفوندا خەۋەرلەندۈرۈش، تەشۋىقات ۋەرەقىسى چاپلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىگە ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى›› سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغان.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››نىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 3 – ئاينىڭ 30 – كۈنى تىيانشان رايونىنىڭ بەيگە مەيدانى تەۋەلىك رايونى قىزىلبايراق مەھەللىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. رايون، ناھىيەلەر شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تاللاپ بېكىتىلگەن مەھەللىدە يېرىم ئاي سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››نى يەتتە رايون، بىر ناھىيەدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى 2009 – يىلىدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلار سۈت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 300 مىڭدىن كۆپرەك ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا نەپ يەتكۈزدى. بۇ يىل پۈتۈن شەھەردە ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››نى يولغا قويۇپ، نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارغا كۈندە بىر خالتا سۈت تارقىتىپ، بوۋاقلاردىن تارتىپ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىغىچە بولغان بالىلارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسى قوشۇمچە يېمەكلىك – سۇ مەھسۇلاتلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىن شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە نوپۇسى بار ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىدە سىجىل تۇرۇۋاتقىنىغا ئالتە ئايدىن ئاشقان، تۇرۇش كىنىشكىسى بار نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار كۈندە بىر خالتا ھەقسىز سۈت ئالالايدۇ. تارماقلار، ئورۇنلار مۇناسىپ ئاپپارات قۇرۇپ، مەخسۇس ئادەمنى مەسئۇل قىلىپ، بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ بالىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى سىياسەتنى كىشىلەر قەلبىگە ھەقىقىي سىڭدۈردى.

  سۈت ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىلدى

  ــــ رەھمەت ھەدە، مەن سۈتكە بەك ئامراق! ــ دېدى ئالتە ياشلىق ما خاۋيۈ كاڭنىڭ مەھەللىسىدىكى سۈت يەتكۈزۈپ بېرىدىغان پىدائىيلارغا خۇشاللىق بىلەن. ما خاۋيۈنىڭ بوۋىسى لەڭمەنخانا ئاچىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: تىجارىتىمىز ئالدىراش بولغاچقا، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلەلمەيدىكەنمىز، ھازىر بالىلارنىڭ ئىچىدىغان سۈتى بار بولدى، تېخى ئۆيىمىزگىچە ئەكىلىپ بېرىدىغان بولدى، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەقىقەتەن ياخشى!

  4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى، كاڭنىڭ مەھەللىسىدە مېھىر – شەپقەت سۈت يەتكۈزۈش ئەترىتى قۇرۇلدى، بۇلاقتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كاڭنىڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە مەھەللىدىكى 12 پىدائىي ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، سۈتنى ئۆيمۇئۆي يەتكۈزۈپ بەردى.

   كاڭنىڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ كېتاۋ مۇنداق دېدى: تەۋەلىكىمىزدىكى 1188 ئاھالىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 129 ئاھالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ چىقتۇق، سۈت يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى كەلگەن ھامان سۈتنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ، بالىلارنىڭ ساپ سۈت ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلدۇق.

   بۇ مەھەللىدىكى ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››غا مەسئۇل كادىر زوۋ شيا كاڭنىڭ مەھەللىسىدىكى قۇربان رۇسۇلغا: بۇ سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، بالىڭىزغا ئىچكۈزۈڭ، بالىڭىز سۈتنى ئىچىپ سىزدىنمۇ ئېگىز بولسۇن، دېدى.

  قۇرباننىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىشلەۋاتقىنىغا 18 يىل بولدى، ئۇنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلى شۇ كۈنى ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››دا تارقىتىلغان سۈتنى تاپشۇرۇۋالدى. قۇربان مۇنداق دېدى: مەن ئىلگىرى ئوغلۇمغا كۈندە ئىككى يۈەنگە بىر خالتا سۈت ئېلىپ بېرەتتىم، ھازىر ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى›› بېسىمىمىزنى يېنىكلەتتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەر ۋاقىت ئاۋامنى ئويلايدىكەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ھەقىقەتەن كۆپ رەھمەت!

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىندى

  ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››نىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سېتىۋېلىش مەركىزى 3 – ئاينىڭ بېشىدا خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى تەييارلىدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىدارىسى، يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى شىنجاڭدىكى تۆت سۈتچىلىك كارخانىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق شىنجاڭ ‹‹شىيۈچۈن›› سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ‹‹تيەنرۈن›› بىيوپەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ‹‹مەيچۈئېر›› گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››نى سۈت بىلەن تەمىنلەش، يەتكۈزۈپ بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  جىن شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ‹‹يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش چارىسى›› قاتارلىق قانۇن – نىزام ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سۈت مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزى، شەھەرلىك ھايۋانات كېسەللىكلىرىنى تىزگىنلەش ۋە دىياگنوز قويۇش مەركىزىنى تەشكىللەپ، خېرىدار بولغان ئۈچ كارخانىنىڭ سۈت مەنبەسى، ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى تەكشۈرۈپ، سۈت مەنبەسى، ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بېقىش ئارخىپى، ئىممۇنىتېتلاش ئارخىپى ۋە بېقىش مۇھىتى، بېقىش بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى، سۈت سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردۇق. يېڭى سۈت ئەۋرىشكىلىرىنى جەمئىي ئالتە تۈركۈمدە، يەم – خەشەكلەرنى ئۈچ تۈركۈمدە ئارىلاپ تەكشۈردۇق، ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن ئەۋرىشكىلەرنىڭ لاياقەتلىك نىسبىتى %100 بولدى.

  ‹‹مەيچۈئېر›› گۇرۇھى پاي شىركىتىنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىغا مەسئۇل باش دىرېكتور ياردەمچىسى جاۋ يەن مۇنداق دېدى: ‹‹مەيچۈئېر›› گۇرۇھى خېرىدار بولغاندىن كېيىن، مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇردى، سۈتكە ھېچقانداق چىرىشتىن ساقلىغۇچى خۇرۇچ ئارىلاشتۇرمىدى، سۈتنىڭ قايماق تۇتۇش نىسبىتى ۋە سۈت ئاقسىلى نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: سۈت تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ‹‹سۈت قۇرۇلۇشى››غا كېتەرلىك سۈتنى ئىشلەپچىقىرىش، يەتكۈزۈپ بېرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى خام سۈتنى زاۋۇتقا ئەكىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، زاۋۇتتىن چىقىرىش، ساقلاش، يەتكۈزۈش قاتارلىق ھالقىلارغىچە كېڭەيتىپ، سۈت سۈپىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ