تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى قەتئىي توسىمەن

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك مەدەنىيەت بازىرىنى تەكشۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى باتناسىن

   شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مەن ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام ئەدەبىيات – سەنئەتنى قىزغىن سۆيەتتى، دادامنىڭ ھەر مىللەت دوستلىرى بار ئىدى، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، شاد – خۇراملىققا چۆمەتتى، كۆپچىلىك بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتەتتى.

  مەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ھەر مىللەت خىزمەتداشلار، دوستلار بىلەن ئورتاق ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئالغا بېسىش جەريانىدا، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنىڭ ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز كېرەك››، ‹‹مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك›› دېگەن سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى تېخىمۇ چۈشەندىم. پارتىيەنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشى، غەمخورلۇقىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى بولدۇم. مەن ئۆزۈمنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئېنىق بىلىمەن، مەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەپ قوغداپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىمەن.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەقىدىلەرنى جېنىنىڭ بارىچە بۇرمىلىدى، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئويدۇردى، جەمئىيەتنىڭ خاتىرجەملىكى، ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئۇلار تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈپ، ئاممىنى چىرىتتى، قۇتراتتى ۋە قايمۇقتۇردى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەختلىك تۇرمۇش ئاتا قىلدى، ھالبۇكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بۇ بەختىيار تۇرمۇشنى بۇزماقچى بولدى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز!

  شىنجاڭدا ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ، بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ يالغان – ياۋىداق سەپسەتىلىرىدىن ھەرگىز قايمۇقۇپ قالمايمىز، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئېنىق تونۇشىمىز، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ پارلاق نۇرى ۋە شەپقىتىدىن ئايرىلمايدۇ. مەدەنىيەت سېپىدىكى خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش قەدىمىمنىڭ پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئەۋزەللىكىمنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، مەدەنىيەت مۇھىتىنى تىرىشىپ ساپلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى بولىمەن؛ ئاساسىي مېلودىيەنى پائال ياڭرىتىپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن، سىياسىي ئېڭىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە تۈرلۈك زىيانلىق ئۇچۇرلارنى ئاڭلىق توسىمەن، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ